باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
بالىلىرىنىڭ سانىنى 50 كە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان 32 بالىسى بار ئەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-05 18:01:10

 

تۈركىيەدە 54 ياشلىق بىر ئادەمنىڭ تۆت خوتۇنى ۋە 32 بالىسى بار بولۇپ، بۇ ئەر يەنە بالىلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۇ تەن سالامەتلىكى يار بەرسىلا بالىلىرىنىڭ 50 كە يېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ ماددىي جەھەتتە ياردەم قىلىشىنى سورايدىكەن.

بۇ ئادەمنىڭ 32 بالىسىنىڭ ئىچىدە بەش بالىسى توي قىلغان بولۇپ، 18 نەۋرىسى بار ئىكەن. بۇ بالىلار بىرىچى ئايالىدىن بەش، ئىككىنچى ئايالىدىن 14، ئۈچىنچى ئايالىدىن سەككىز، تۆتىنچى ئايالىدىن بەش بولۇپ، جەمئىي 32 گە يېتىدىكەن. ئالتە ئاي ئىلگىرى بىر بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، بالا سانى 31 گە چۈشۈپ قالغانىدى، لېكىن 27-ئۆكتەبىر بىرىنچى ئايالى يەنە بىرنى تۇغۇپ يەنە 32 بولغان.

ئىككىنچى ئايالى گەرچە نوپۇس سانى كۆپ بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن خۇشال تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى، ھەممە ئاياللار ئايرىم-ئايرىم ئۆيدە تۇرغاچقا مەسىلە تۇغۇلمايدىغانلىقىنى، بۇ خىل تۇرمۇشقا كۆنۈپ كەتكەنلىكىنى، لېكىن ئۇلار بۇ بالىلارنى بېقىشتا بەزىدە تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا يولۇقىدىغانلىقىنى، شۇڭا ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، يەنە كېلىپ قىش كېلىپ قالغاچقا كۆمۈر دېگەندەك نەرسىلەرگە ھاجىتى چۈشىدىغانلىقىنى، ھەرقايسى جەھەتلەردە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ياردەم قىلىشنى كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.


ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق