باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
دۇنيادىكى بىردىنبىر كوكاكولالار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-13 13:44:52

 

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 7-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كوكاكولا ئىسرائىلىيە تارماق شىركىتى يېقىندا خېرىدارلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ، ئۆز خاراكتېرىنى نامايان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. پائالىيەت مەزگىلىدە مەزكۈر شىركەت 2 مىليوندىن ئارتۇق كولا بوتۇلكىسىغا ئىككى مىليون خىل بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئوراش قەغىزى لايىھەلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ ئۆزگىچە كوكاكولالار eBay مال سېتىۋېلىش تور بېكىتىدە 15 دوللار (تەخمىنەن 92 يۈەن خەلق پۇلى ئەتراپىدا ) غا سېتىلغان. ئالاھىدە ساقلاش قىممىتىگە ئىگە بوتۇلكىلىق كولانىڭ باھاسى 200 دوللار (تەخمىنەن 1230 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ئەتراپىدا ) غا يەتكەن.

«ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2011 –يىلى ئاۋىستىرالىيە كوكاكولا تارماق شىركىتى بۇ پائالىيەتنى تۈنجى بولۇپ يولغا قويۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ پائالىيەت 80 دىن ئارتۇق دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان ۋە ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق