باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ياپونىيەدە نېمىشقا تىلەمچى يوق بىلەمسىز؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-15 15:30:20

 

بۈگۈن توكيودا سىم-سىم يامغۇر ياغدى. بۇ جۇڭگونىڭ جىياڭنەنگە ئوخشاش دەل يامغۇرلۇق پەسلى ئىدى.

ئۆيگە قايتىش يولىدا، بىر ياشانغان كىشى ۋېلىسىپىت مىنىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، كەينىدە بىر چوڭ خالتا قۇرۇق قەلەي قۇتىلار بار ئىدى. شۇندىلا مەن ئەتە بىر ھەپتە ئىچىدىكى بەلگىلەنگەن ئەخلەت تاشلاش كۈنى ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالدىم، بۇ ياشانغان كىشى ئېنىقلا بەزى مېھمانخانىلارنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپ ئەخلەت يىغىش شىركىتىنىڭ ئالدىدا قول سېلىپ مېھمانخانىدىكىلەر تاشلىۋەتكەن بەزى قۇتىلارنى يىغىپ كەلگەنىكەن.

بىر ۋېلىسىپىتنىڭ ئالدى كەينىگە نەچچە يۈز تال قۇتىنى سىغدۇرغىلى بولىدۇ. مەن قىزىقىپ توختاپ بوۋايدىن قۇتىلارنى قانچىگە ساتىدىغانلىقىنى سورىدىم، بۇ چاغدا بوۋاي ئېھتىيات قىلغان ھالدا ماڭا قارىدى. ياپونىيەدە ئۆز ئالدىغا ئەخلەت يىغىش قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت مۇشۇ سەۋەبتىن ئاز بولمىغان كىرىمىدىن قۇرۇق قېلىشى مۇمكىن.

بوۋاي ئاخىرى ھۆل بولۇپ كەتكەن ئۈچ بارمىقىنى چىقاردى. مەن بۇنى چۈشەندىم، بۇ يامغۇردا شۇنچىلىك جاپا تارتىپ تېرىپ كەلگەن بۇ قۇتىلارنى 3 مىڭ ياپونىيە يىنىغا سېتىشقا تامامەن بولاتتى.

بۇ كېچە بوۋاينىڭ بىر ھەپتە ئىچىدىكى ئەڭ بېيىپ كېتىدىغان بىر كۈنى ئىدى. بۇ پۇللارنىڭ بىر قىسمىغا نەچچە قاپ تەييار چۆپ، ئىككى پارچە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، بىر بوتۇلكا ھاراقنى ئېلىپ كۆۋرۈك ئاستىدىكى سۇلياۋ خالتا بىلەن ئوراپ ياسىۋالغان ئۆيىدە راسا يەپ-ئىچىدىغان بىر كاتتا پۇرسەت ئىدى.

بوۋاي بولسا بىر سەرگەردان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا توكيودا ئۇنىڭغا ئوخشاش سەرگەرداندىن 2000 ئارتۇقى بار.

ئۆتكەن يىلى يازدا مەن توكيودىكى مەلۇم بىر كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا سەرگەردانلارنىڭ ئۆيىنى كۆرۈپ باققان. كۆۋرۈك گۇندىسى يامغۇردىن ساقلايدىكەن، ئەتراپتىكى دەريا سۈيىدە بىر نەرسىلەرنى يۇغىلى بولىدىكەن، يەنە كېلىپ بۇ يەر ھۆكۈمەت يېرى بولغاچقا تەبىئىيلا سەرگەردانلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. بۇ ئۆيلەر دائىم ئاسمان كۆكى رەڭگىدىكى قېلىن بولغان سۇلياۋلاردىن ياسىلاتتى. ئىچىدە بولسا تېرىپ كېلىۋالغان كىچىك كارىۋات ، ياخشىراق بولغانلىرىنىڭ يەنە تېخى تېلېۋىزور ۋە توك قازانلىرى بار ئىدى. نەلەردىن تېرىپ كېلىۋالغان گېنېراتوركىن، ھەممىسىنىڭ توك مەنبەسى بولۇپ قالغانىدى.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق