
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا نەچچە كۈن بۇرۇن يەنە بىر قېتىم ئەمدىلا تۇغۇلغان قىز بوۋاقنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىشتەك ۋەقە يۈز بەرگەن.
ئېگىلىنىشىمىزچە، يېڭى دېھلىنىڭ گورگان رايونىدىكى بىر دېھقان بىر نەچچە ئىت ۋە چوشقىنىڭ ئەخلەت ساندۇقىدىكى سۇلياۋ خالتىنى تاتلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولۇپ، ئېچىپ قارىسا ئىچىدە بىر بوۋاق بار ئىكەن.
ھىندىستاندا ئوغۇل بوۋاقلار ئارزۇلۇق بولۇپ، قىز بوۋاقلارغا بولغان پوزىتسىيىسى ئىنتايىن ناچار ئىكەن. 2011-يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستاندىكى ئوغۇل بوۋاقلار قىز بوۋاقلاردىن 950 ئادەم كۆپ ئىكەن.
شۇنىڭدىن ھىندىستاننىڭ ئاياللارغا بولغان پوزىيسىيەسىنىڭ قانچىلىك ناچار ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىنى بولىدۇ.