باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ھىندىستاندىكى سەككىز ياشلىق «تىرىك كالېندار»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-30 15:45:35

 

ئامېرىكا «ئاجايىپ-غارايىپ خەۋەرلەر» تورىنىڭ 24-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاندىكى سەككىز ياشلىق بىر بالا باشقىلار تەرىپىدىن «تىرىك كالېندار» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ ھېچقانداق ماتېرىيالغا قارىماي تۇرۇپمۇ 2068-يىلغىچە بولغان ھەر بىر كۈننىڭ قانداق كۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئارىيان پاراب ئىسىملىك بۇ ئوغۇل ھىندىستان بومبايدا تۇرىدىكەن، ئاتا-ئانىسى يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى ئىكەن. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئارىياننىڭ دادىسى ئارىيان بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ كەلگۈسى نەچچە يىلدىكى تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ھەپتىنىڭ قانچىنچى كۈنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتىكى ئىنكاسىنىڭ تولىمۇ تېز بولۇپ، ئالما تېلېفوننى چىقىرىپ، كالېندار ئىزدەيدىغان ۋاقىتتىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇلارنى دەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.

ئارىياننىڭ بوۋىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئارىيان سان-سىفىرلار بىلەن ھەپىلىشىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. تەتىل مەزگىللىرىدىمۇ ئۆيىگە سولىنىۋېلىپ كالېندار سىزىپ ئوينايدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ بالا 20~25 مىنۇت ئىچىدە ھېچقانداق ماتېرىيال ياكى ئىنتېرنېتتىن پايدىلانماي تۇرۇپ بىر كالېندارنى تۈزۈپ چىقالايدىكەن. ئارىيان يەنە بىر ھەقىقەتنى يەنى نۆۋەتتە بىز ئىشلىتىۋاتقان كالېندارنىڭ ھەر 11 يىلدا بىر قايتىلىدىغانلىقىنى بايقاپ، تۇغۇلغان كۈن ياكى كالېندارنى ئەستە ساقلاشتا پەقەت مۇشۇ 11 يىلنىڭ ھەر بىر كۈنىنى ئەستە تۇتۇۋالسىلا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق