باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
تويلىشىش مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئۈچ باسقۇچ
مەنبەسى:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-12-24 08:51:12

 

ئىككى ياش يېڭى تويلىشىش تۇرمۇشىنى باشلىغاندا بېشنىڭ باش، ئايىغىنىڭ تاش بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، قىسمەن ئەر-خوتۇنلار ھەقىقەتەنمۇ ئارزۇسى بويىچە بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىدۇ، بىراق يەنە بىر قىسىم ئەر-خوتۇنلار كېلىشەلمەي، تويلىشىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەر-خوتۇنلارنىڭ تويلىشىش تۇرمۇشىدا ئۈچ خەتەرلىك باسقۇچ بولىدۇ، مۇشۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپلا كەتسە، تويلىشىشى مۇستەھكەملىنىدۇ.

1. توي قىلغان تۇنجى يىلى. قىز -يىگىت تويدىن كېيىن ئائىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ھوقۇقىنى تالىشىش ئۈچۈن يوشۇرۇن ئېلىشىدۇ، بىر-بىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە كۆنەلمەي بىئارام بولىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرۈپ پۇشايمانمۇ قىلىدۇ. خوتۇنى ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن قىسمەن ئەرلەر تالاغا قاراپ قالىدۇ، مانا مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى تويلىشىش بۇزۇلىدۇ.

2. تويدىن كېيىنكى ئۈچىنچى يىلى. قىز بىلەن يىگىت قايناق مۇھەببىتنىڭ كۈچىدە تويدىن كېيىنكى تۇنجى يىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈۋالغان بولسا، ئۇنداقتا يات جىنىسلارنىڭ يېڭىلىق تۇيغۇسىنىڭ مۇھەببەتكە تەرەققىي قىلىپ تاكى بىر-بىرىدىن زېرىكىدىغان ۋاقتىنىڭ ئارانلا ئۈچ يىل بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىۋېلىشى كېرەك، يەنى ئەر-خوتۇن توي قىلغاندىن كېيىن بىر-بىرىگە يول قويۇش، كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى، بىر-بىرىگە بىھۇدە ئازار بېرىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۈچ يىل بەرداشلىق بەرگەن تويلىشىشنىڭ مۇھەببەت پۇرىقى يوقاپ، ئىككى تەرەپنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.

3. تويدىن كېيىنكى يەتتىنچى يىلى. ئەر-خوتۇننىڭ تويلىشىشى يەتتىنچى يىلىغا ئۇلاشقاندا، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار، خىزمەت بېسىمى، ھېسسىياتنىڭ تەدرىجىي سۇسلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىلگىرىكى قىزغىنلىقىنى يوقىتىدۇ. ئەر-خوتۇندا تاپتىن چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئەر-خوتۇنلار بۇ مەزگىلدە تويلىشىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن، دەيدىكەن، قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقىنى تۇتۇۋالغاندا ئۇنى كۈنبويى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، خاتالىقىنى تۈزىتىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا تويلىشىش ساقلاپ قېلىنىدۇ. مۇشۇ باسقۇچنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئەر-خوتۇننىڭ تويلىشىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىدۇ.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق