باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى توغراقلىقلار بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋالدى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل | يوللانغان ۋاقىت:2018-10-25 16:09:22

  ئالتۇن كۈزدىكى 10- ئايدا، تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى توغراقلىقلار بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋالدى. بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 2018- يىللىق «جۇڭگو توغراقلىرى- دىققەتنى بايىنغۇلىن ئوبلاستىغا مەركەزلەشتۈرۈش» بويىچە ئۈچ دەريا، بەش شەھەرنى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنى باشلاپ، توغراقنى ئىسىم كارتىسى قىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ تاماشا قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

  بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا ھازىر مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ساقلىنىش جەھەتتە ئەڭ مۇكەممەل، شۇنداقلا ئەڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي توغراقلىق مۇھاپىزەت رايونى بار. «ئۈچ دەريا، بەش شەھەر» دىكى «ئۈچ دەريا» بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسى، قايدۇ دەرياسىنى؛ «بەش شەھەر» كورلا شەھىرى، بۈگۈر ناھىيەسى، لوپنۇر ناھىيەسى، چەرچەن ناھىيەسى، چاقىلىق ناھىيەسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جايلار بايىنغۇلىن ئوبلاستىدا ساياھەتچىلەر توغراقنى تاماشا قىلىدىغان ئەڭ چىرايلىق جايلار.

  لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى بۇ قېتىمقى «ئۈچ دەريا، بەش شەھەر» نى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنىڭ تۇنجى بېكىتى بولۇپ، 2 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مەنزىرە رايونىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلدى. ساياھەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى توغراق غولىغا يۆلىنىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشسە، يەنە بەزىلىرى قۇملۇقتا ئوينىدى ھەمدە تۆگىلەرگە مىنىىپ قەدىمكى يىپەك يولىدىكى كارۋانلارنىڭ قوڭغۇراق ساداسىنى ھېس قىلدى.

  لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىش داۋامىدىكى خۇشاللىق تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ناخشا- ئۇسسۇل ئويۇنى، ئېسىل تائاملارغا ئېغىز تېگىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىدى. مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ يەن مۇنداق دېدى: لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى ماھارەت مۇسابىقىسى جۈملىدىن ئوغلاق تارتىشىش، سىيرىلما داس قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە ئوبلاستىمىزنىڭ ساياھەت تاۋارلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، بايىنغۇلىن ئوبلاستىدىكى ئەڭ گۈزەل توغراق بايلىقىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچى دوستلارغا نامايەن قىلدۇق.

  يول بويىدىكى قۇملۇق، چۆل، توغراق، ئۇزۇن دەريالار كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغۇدەك گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى. جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ھەقىقىي بىر قېتىملىق ئەھمىيەتلىك سەپەر بولغانلىقىدىن خۇشال بولدى. گۇاڭدوڭدىن كەلگەن ساياھەتچى جۇ گوجۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم. بۇ يەردىكى كىشىلەرمۇ بەك قىزغىن ئىكەن. مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىمگە شىنجاڭنى چوقۇم تونۇشتۇرىمەن.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق