باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
سىجىل يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە سوغۇق سۇ بېلىقى كەسپىنى ئاجىزلىقتىن كۈچلۈكلۈككە ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل | يوللانغان ۋاقىت:2018-10-25 17:00:26

  10- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئارشاڭ ناھىيەسى ئەتراپىدىكى سوغۇق سۇ بېلىقى نەسىل يېتىشتۈرۈش مەركىزىنىڭ نەچچە ئون سۈپسۈزۈك سۇ كۆلچىكىدە، تۈرلۈك سوغۇق سۇ بېلىقلىرى ئەركىن ئۈزۈپ يۈرەتتى. 1998- يىلى تۇنجى قېتىم قويۇپ بېرىلگەندىن باشلاپ، ئاق سالمون بېلىقى ئۇرۇقدىشى تۈرىدىكىلەر سايرام كۆلىگە ماكانلاشتى، 20 يىلدىن كېيىن، سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى قارىمىقىدىكى ئارشاڭ سوغۇق سۇ بېلىقى نەسىل يېتىشتۈرۈش مەركىزى ئاق سالمون بېلىقى ئۇرۇقدىشى تۈرىدىكىلەرنى كۆپەيتىش كۆلىمى، ئۇل ئەسلىھەسى، تېخنىكا كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى. سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى ۋەكىللىكىدىكى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە سوغۇق سۇ بېلىقى كەسپىدە سىجىل يېڭىلىق يارىتىلىپ، چىتلاق ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچلۈكلۈككە ئۆزگەردى.

  ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش

  20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ دەلىللىشى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سايرام كۆلىنى تەبىئىي بېلىقچىلىق مەيدانى قىلىپ، قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقى، پېتىنقى كۆزلۈك سالمون بېلىقىنى ئاساس قىلغان سوغۇق سۇ بېلىقى كەسپىنى راۋاجلاندۇردى.

  ھالبۇكى، تېخنىكا بولمىغاچقا، دەسلەپتىلا چەكلىمىگە ئۇچرىدى. «ئەڭ دەسلەپكى بىر تۈركۈم بېلىق تۇخۇمىنى ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسى چەت ئەلدىن سېتىۋالغان بولۇپ، ئەي بولۇش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باش ئىنژېنېرى سەي لىنگاڭ 10- ئاينىڭ 21- كۈنى.

  شىنجاڭ سايرام كۆلى بېلىقچىلىق پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىنژېنېرى خوۋ يۈجۈن بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە: ئىلگىرىكى يىللاردا، بىزنىڭ كۆلەمنى قانچىلىك تەرەققىي قىلدۇرالىشىمىز تامامەن چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ قانچىلىك بېلىق تۇخۇمى بېرىشىگە باغلىق ئىدى.

  ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىيات بوغما ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاش شىنجاڭنىڭ سوغۇق سۇ بېلىقىنى كۆپەيتىشتىكى جىددىي ئورۇنداشقا تېگىشلىك ۋەزىپىگە ئايلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسىنىڭ قوللىشىدا، سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىلمىي تەتقىقات ئورنى ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ، ئىلمىي تەتقىقات قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى.

  «قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقىنى سۈنئىي يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، بىز دائىم مىكروسكوپ ئالدىدا بەش- ئالتە سائەت تىكىلىپ ئولتۇرىمىز» دېدى خوۋ يۈجۈن. 2009- يىلى، قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقىنى سۈنئىي يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىپ، ئۇرۇقلىنىش نىسبىتى، تۇخۇمدىن چىقىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشتى. «بىز ئىلگىرى نەچچە مىليون تۇخۇم سېتىۋالاتتۇق،» دېدى خوۋ يۈجۈن، «بىراق ھازىر بىز بىر يىلدا 100 مىليوندىن ئارتۇق بېلىجاننى تۇخۇمدىن چىقىرىمىز، چەت ئەلدىن كىرگۈزگەن بەزى بېلىق تۇخۇمىنى پەقەت نەسىلنى ياخشىلاشقىلا ئىشلىتىمىز».

  بېلىق تۇخۇمىدىن باشلاپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىدىكى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەر يېقىنقى نەچچە يىلدا بىر- بىرلەپ ھەل قىلىندى. ئارتېمىيە قوڭغۇزى تۇخۇم چىقىرىش تېخنىكىسى ئارقىلىق تۇخۇمدىن چىققان بېلىجانلار ئەلا سۈپەتلىك يەمچۈككە ئىگە بولدى، سوغۇق سۇ بېلىقىنى كۆلچەكتە بېقىش تېخنىكىسى بېلىجانلارنىڭ يېتىلىش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلەتتى...

  «ئىلگىرى سېختا بېلىجان يېتىشتۈرگەندە، قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقى ئۈچ ئايدا ئاران ئىككى سانتىمېتىر چوڭايغانىدى، ھازىر كۆلچەككە قويۇپ بېرىلىپ، بىر ئايدا تۆت سانتىمېتىر چوڭىيالايدىغان بولدى، ھەر يىلى بەش سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقى بېلىجانىدىن 30 مىليوننى يېتىشتۈرەلەيمىز» دېدى خوۋ يۈجۈن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز سايرام كۆلىنىڭ كۆل ئەھۋالىغا دائىر تەپسىلىي سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىپ ۋە تەھلىل قىلىپ، ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىت ۋە ئورۇندا قويۇپ بېرىپ، بېلىجانلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردۇق.

  بىر قاتار پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش سايرام كۆلى بېلىقچىلىقىنى بەش تۈرلۈك ئەمەلىي يېڭى تىپ پاتېنتى ۋە ئۈچ تۈرلۈك دۆلەت كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى %1تىن %70 كە، بېلىق تۇخۇمىنى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش نىسبىتىنى %40تىن %95 كە، يېتىلگەن بېلىقنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارىنى30- 20 توننىدىن 500- 400 توننىغا يەتكۈزدى. سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش تېز سۈرئەتلىك يولىدا ماڭدى.

  پۇختا قەدەملىك تەرەققىيات سوغۇق سۇ بېلىقى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى

  «دۆلەت سۇ مەھسۇلاتلىرى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش باش پونكىتى نەسىل قوغداش، يېتىشتۈرۈش بازىسى»، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقى نەسىل مەيدانى»، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «سوغۇق سۇ بېلىقىنى سۈنئىي يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىش بازىسى»، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى ئۈلگە مەيدانى»... بىر قاتار ۋىۋىسكىلار ئارشاڭ سوغۇق سۇ بېلىقى نەسىل يېتىشتۈرۈش مەركىزىنىڭ دەرۋازىسىغا ئېسىلغانىدى.

  ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق كارخانا ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى. 2014- يىلى، سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىلمى تەتقىقات ئورنى، داليەن دېڭىز- ئوكيان داشۆسى، جۇڭگو سۇچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى خېيلۇڭجياڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى تەتقىقات ئورنى قاتارلىق پەن تەتقىقات يۇرتى- ئورۇنلىرى ھەمكارلىشىپ، بېلىقچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى شىركەتكە كېلىپ پەن تەتقىقات، ئېچىشقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، سوغۇق سۇ بېلىقىغا ئالاقىدار كەسىپلەرنى بىرىكمە ئىختىساسلىقلار ۋە يۇقىرى يېڭى تېخنىكا مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  ھازىر سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقى بېلىجانى يېتىشتۈرۈش، قويۇپ بېرىش، تۇتۇش، پىششىقلاش، يېمەك- ئىچمەك قاتارلىق مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى. «سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ بالدۇر سالمون بېلىقى ئۇرۇقدىشى تۈرىدىكىلەرنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن كارخانا، ھازىر باقمىچىلىق كۆلىمى، سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمى جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدۇ»، دېدى سەي لىنگاڭ، «شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز چىڭخەي، ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا تېخنىكا چىقىرىشنى باشلىدۇق».

  سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى يەنە ئارشاڭ ناھىيەسىدە شىنجاڭدىكى تۇنجى، شۇنداقلا ھازىر شىنجاڭ بويىچە بىردىنبىر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئېكسپورت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە سوغۇق سۇ بېلىقى پىششىقلاش زاۋۇتىنى قۇردى، يېتىشتۈرگەن قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقى مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا توشۇلۇشتىن سىرت، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە سېتىلماقتا.

  2016- يىلى ئارشاڭ ناھىيەسى دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە كارانتىن- پىرىيوم باش ئىدارىسى تەرىپىدىن مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك ئېكسپورت يېمەكلىكلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى بويىچە ئۈلگە رايونى بولۇپ تەستىقلاندى، بۇ ناھىيەنىڭ قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقى، پېتىنقى كۆزلۈك سالمون بېلىقى، زېئال ئاق سالمون بېلىقى قاتارلىق ئۈچ خىل سوغۇق سۇ بېلىق مەھسۇلاتى بىخەتەر ئۈلگە رايونىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىدىغان تۈرى قىلىپ تەستىقلاندى، قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقى ئىمپورت قىلىشتىن ئېكسپورت قىلىشقا ئۆزگىرىشنى تاماملىدى.

  ئېكولوگىيە پايدىسى سوغۇق سۇ بېلىقى كەسپىگە ئاساس سالدى

  سوغۇق سۇ بېلىقى سۇ سۈپىتىگە ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويىدىغان بولۇپ، سۇ ئازراقلا دۇغلىشىپ قالسا، سوغۇق سۇ بېلىقى ئۆلۈپ قالىدۇ. سوغۇق سۇ بېلىقى نەسىل يېتىشتۈرۈش مەركىزىنىڭ ئارشاڭ ناھىيەسىگە ماكانلىشىشىغا بۇ يەرنىڭ ئالاھىدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سەۋەب بولغان.

  ئارشاڭ ناھىيەسى ئالاتاۋ تېغى بىلەن بېگجىنتاۋ تېغى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە مۇزلۇقلاردىن ئېرىگەن سۇ، جىلغىلاردىكى ئېقىن سۇلار، بۇلاق سۇلىرى مول بولۇپ، سۇ سۈپىتى پاكىز، سۇ تېمپېراتۇرىسى تۇراقلىق، ئوخشاش ئايلاردا سايرام كۆلىنىڭ سۇ تېمپېراتۇرىسى بىلەن بولغان پەرقى ئىككى سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشمايدۇ.

  «شىركەت سوغۇق سۇ بېلىقىنى يېتىشتۈرۈش بازىسىنى تاللىغاندا يەتتە- سەككىز جاينى تەكشۈرۈپ، ئاخىرىدا سۇ سۈپىتى شارائىتى ئەڭ ياخشى بولغان ئارشاڭ ناھىيەسىنى تاللىدى» دېدى سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ما جۇاڭ.

  سوغۇق سۇ بايلىقى ئەۋزەللىكىنىڭ روشەن بولۇشى ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك ناھىيە قۇرۇش»ىنىڭ نەتىجىسى. مۇزلۇق، ئورمان، ئوتلاق، چىملىق ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئەۋزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى بەرپا قىلغان، ھەتتا مۇھىتقا نىسبەتەن ئەڭ قۇسۇرچى بولغان «جانلىقلار تىرىك قاتمىسى» ــــ شىنجاڭ شىمال سەمەندەرىمۇ بۇ يەردە ماكانلىشىدىغان ياخشى جاينى تاپقان. 2012- يىلى، ئارشاڭ ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئۈلگە قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ناھىيە قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

  «ئارشاڭ ناھىيەسىلا ئەمەس، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ئىنتايىن ياخشى، شىنجاڭدىكى دەريا، ئېقىنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېگىز تاغلاردىكى قار- مۇزلارنىڭ ئېرىگەن سۇلىرىنى مەنبە قىلىدۇ، سۇ سۈپىتى سۈزۈك، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولۇپ، سوغۇق سۇ بېلىقىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى سەي لىنگاڭ، «ھازىر پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن- تۆۋەنگىچە مۇھىت ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سوغۇق سۇ بېلىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى مىسلىسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى».

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق