باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى تېخىمۇ زورايتىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل | يوللانغان ۋاقىت:2019-07-29 10:23:35

7 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىن 23 – كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى چياڭ ۋە شەھەر باشلىقى يىڭ يۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولدى.

لى كېچياڭ شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يېڭى تەۋەلىك رايونىغا بېرىپ، ئومۇمىي پىلان دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى تەۋەلىك رايونى ئۆتكەن بەش يىللىق ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى ئاساسىدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭىدىن كېڭەيتىلگەنلىكى، ئىسلاھاتنىڭ يېڭى تەرەققىياتىدۇر، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە توغرىلىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى تېخىمۇ زورايتىپ، بوشلۇق يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلىك ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالتۇندىنمۇ قىممەت بۇ جايدىن يېڭى ئالتۇن سۇمۇرغ ئۇچۇرتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شاڭخەي ئېلېكتىر ئىستانسىسى گۇرۇھى يىللىق تىجارەت كىرىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان ئۇنىۋېرسال جابدۇق ياساش كارخانىسى. لى كېچياڭ بۇ يەرگە كېلىپ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ بازار سۇبيېكتىغا بولغان تەسىرىنى ئىگىلەپ، كارخانىلار تەتقىق قىلىپ ياسىغان مۇھىم، زور ئۈسكۈنىلەرنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى ماختىدى. ئۇ كارخانىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشنى كۆزلەپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلقئارا بازار رىقابىتىگە ئاتلىنىپ، مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك شىجائەتنى نامايان قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم، زور ئۈسكۈنە ياساش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى. لى كېچياڭ جاڭجياڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارىلىغا كېلىپ، D3 كۆرۈش سېزىمى ئارقىلىق يىراق مۇساپىلىك داۋالاش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق نېرۋا بىيونىكىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئادەمسىز يۈرۈشلۈك تېخنىكىسى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئادەمنىڭ ئەقلىنى مۇجەسسەملەپ، ئادەمگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇل تەتقىقاتقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئاۋات كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىمۇ ئوڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كىشى بولۇشى كېرەك. ماس ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، نەتىجىنى ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق