باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى مياۋ رۈيلىننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا سوت ئېچىلدى
مەنبەسى:خەلق تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل | يوللانغان ۋاقىت:2019-08-08 18:19:42

شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 7-ئاۋغۇست 1-سوتتا جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى مياۋ رۈيلىننىڭ پارا ئېلىش دىلوسىغا ئاشكارا سوت ئاچتى.

چىڭداۋ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق دەپ ئەيىبلىدى: 2005-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، جاۋابكار مياۋ رۈيلىن سۇچيەن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەر باشلىقى، سۇچيەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، نەنجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ كارخانا تۈرلىرىنى تەستىقلاش، قۇرۇلۇش تۈرىنى ھۆددىگە ئېلىش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خىزمىتىنى يۆتكەش قاتارلىق ئىشلارغا ياردەم بېرىپ، بىۋاسىتە ياكى ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئارقىلىق قانۇنسىز ھالدا ئالاقىدار خادىملار بەرگەن، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 7 مىليون 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل- مالنى قۇبۇل قىلغان.

سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگىنى ئالاقىدار دەلىل- ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار مياۋ رۇيلىن ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى يۈزلەشتۈرۈلدى، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇنازىرە پىكرىنى تولۇق بايان قىلدى، مياۋ رۇيلىن ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىگە توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكى ئامما قاتارلىق 40 قا يېقىن كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

سوتتا قاراپ چىقىش ئاخىرلىشىپ، سوتنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقى، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقى جاكارلاندى.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق