باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
گوتەي ئاۋىياتسىيەسى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىقنى توختىتىشى، قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىشى ۋە قانۇن تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قەتئىي قوللايمىز
مەنبەسى:خەلق تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل | يوللانغان ۋاقىت:2019-08-15 14:58:46

   گوتەي ئاۋىئاتسىيە چەكلىك شىركىتى بېيجىڭ ۋاكالەت ئورنى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گوتەي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى يېقىندا شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

  گوتەي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى يەنە ئىپادە بىلدۈرۈپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى، باش مەمۇر ۋە شياڭگاڭ ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقنى توختىتىش، مالىمانچىلىقنى تۈگىتىش، قانۇن تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى قەتئىي قوللاپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» پىرىنسىپىغا ۋە «نېگىزلىك قانۇن»نىڭ نوپۇزىغا خىرىس قىلىدىغان بارلىق قانۇنسىز ھەرىكەت ۋە زوراۋانلىق قىلمىشلارنى ئەيىپلىدى.

  گوتەي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قانۇن ئىدارە قىلىش بولسا، شياڭگاڭ ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ۋە خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىدىكى مۇھىم ئىش، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، خاتىرجەملىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، گوتەي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى يەنە ئىپادە بىلدۈرۈپ، شياڭگاڭ ئاۋىئاتسىيە باشقارمىسىنىڭ ۋە گوتەينىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇپ بارىدىغان ۋە ئۇچۇپ ئۆتمەكچى بولغان بارلىق دۆلەت ۋە رايونلىرىدىكى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى، جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىئاتسىيەسى ئىدارىسىنىڭ بىخەتەرلىك كۆرسەتمىسىگە پۈتۈنلەي رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق