باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ARJ21 تىپلىق ئايروپىلان تۇنجى قېتىم ئېگىزلىكتە ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۇچتى
مەنبەسى:خەلق تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل | يوللانغان ۋاقىت:2019-08-22 15:09:32

   8- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن رېئاكتىپ تارماق لىنىيەسىدىكىARJ21 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم ئېگىزلىكتە ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۇچتى، كۇنمىڭ-لىجياڭ-شىشۇاڭبەننا-كۇنمىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچتى. ARJ21 تىپلىق ئايرۇپىلاننىڭ ئىگىزلىككە ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە شامالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى، بولۇپمۇ ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىدىكى ئايرۇدۇرۇمنىڭ ئۇچۇش-قونۇش شارائىتى ۋە مۇرەككەپ ھاۋا يولى توسالغۇدىن ئۆتۈش تەلىپىگە ماس كېلىدۇ.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرى كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، ئاجايىپ تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈردى. خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايرودۇرۇمىنىڭ ئەسلىھە سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنىڭ قاپلاش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆستى، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان مۇساپىسى 8 مىليون 380 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق