باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
مەنبەسى:خەلق تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل | يوللانغان ۋاقىت:2019-08-28 15:10:34

   مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنى 22-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى 166 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۇڭ بىننىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىلغان ئورىگىنالىدا، دورىنى بازارغا سېلىش ئىجازىتىگە ئىگە بولغۇچىنىڭ دورا سۈپىتىگە بولغان سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭيى دورىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دورىلارنى پارچە سېتىش، زەنجىرسىمان تىجارەت قىلىشقا ئىلھام بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر كۆپەيتىلىپ، ساختا دورا، ناچار دورىنىڭ دائىرىسى قايتىدىن بېكىتىلىپ ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق جازا بېرىش، دورا سۈپىتى جاۋابكارلىقىنى تۇنجى ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى خۇ كېمىڭنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى، شەھەر ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەدە باشقا جايدا بوزيەر ئېچىش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۈدىگەرلەش قاتارلىق ئالاقىدار تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يەر ئېلىشقا بولىدىغان ئەھۋاللارغا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چەكلىمە قويۇپ، يەر ئېلىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تولۇقلاپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جۇ گۇاڭچۈەننىڭ بايلىق بېجى قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىلغان ئورىگىنالىدا ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان قىسمەن باج ئېتىبار سىياسەتلىرى كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى؛ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خىزمەتكە ماسلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىىشى بەلگىلىنىپ، بايلىق بېجى ئېلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سۇ بايلىقى بېجىغا ئالاقىدار مەزمۇنلار مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  ئاساسىي قانۇن قانۇن كومىتېتى يۇقىرىقى قانۇن لايىھەسىنى بىر قەدەر پىشىپ يېتىلدى دەپ قاراپ، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇش تەكلىپىنى بەردى.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق