\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بايرامدا شىنجاڭنىڭ پاراۋانلىق تارقىتىش ئۆلچىمى كەلدى

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:白合提尔·艾拉提|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-10 16:01
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بەنگۇڭتىڭى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى بېسىپ تارقاتقان «ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىراجەت كىرىم-چىقىمىنى باشقۇرۇش چارىسى»گە ئاساسەن، ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھېيت-بايراملاردا بارلىق ئەزالارغا بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقاتسا بولىدۇ.

ھېيت-بايرام كۈنلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام (يېڭى يىل، چاغان، چىنمىن بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۈەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمى) ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن تەسىس قىلىنغان ئاز سانلىق مىللەتلەر بايرىمىنى كۆرسىتىدۇ.

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى پىرىنسىپ جەھەتتە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرام ئادىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بۇيۇملار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئېھتىياجلىق بولغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى جانلىق تارقىتىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ.

مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر پاراۋانلىق ئۆلچىمى

1.شىنجاڭ

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەربىر ئەزاغا يىلىغا 1500يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بۇ بايراملار (يېڭى يىل، چاغان، چىنمىن بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۈەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمى، قۇربان ھېيت، روزا ھېيت) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نەق پۇل، مال سېتىۋېلىش كارتىسى، پۇل بېلىتى تارقىتىشقا بولمايدۇ.

2.بېيجىڭ 

2019-يىلى، بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى ئۆلچىمى يىللىق چىقىم ئومۇمىي سوممىسى ئادەتتە شۇ يىللىق  شۇ دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجىتى خام چوت چىقىمىنىڭ %30دىن يۇقىرى بولماسلىقتىن، شۇ يىللىق شۇ دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجىتى خام چوت كىرىمىنىڭ %50 گە تەڭشەلدى.

3.تيەنجىن

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئۆلچىمى چوقۇم ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ شۇ يىللىق بارلىق خىراجەت كىرىمىنىڭ %50 ئىچىدە كونترول قىلىنىشى، پۈتۈن يىللىق بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ھەربىر ئادەمگە 1000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، تارقىتىش دائىرىسى بارلىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرى بولۇشى كېرەك. نەق پۇل ۋە ھەرخىل مال سېتىۋېلىش كارتىسى تارقىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

4.خېبېي

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى ئۆلچىمى ھەربىر ئادەمگە ھەر يىلى 1800 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ماددىي بۇيۇم تارقىتىش ياكى بېكىتىلگەن ئورۇندا بېكىتىلگەن بۇيۇمنىڭ مال ئېلىش دوكۇمېنتىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ، لېكىن نەق پۇل، مال سېتىۋېلىش كارتىسى ۋە پۇل بېلىتى تارقىتىشقا بولمايدۇ.

5. سەنشى

2019-يىلى، بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى ئۆلچىمى، ھەربىرەيلەننىڭ يىللىق ئومۇمىي سوممىسى 1800 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىككە تەڭشەلدى.

6.ئىچكى موڭغۇل

2019-يىلى، بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى ئۆلچىمى، ھەربىرەيلەننىڭ يىللىق ئومۇمىي سوممىسى 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىككە تەڭشەلدى.

7.لياۋنىڭ

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى ئۆلچىمى ھەربىرەيلەننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چىقىم ئومۇمىي سوممىسى 1800 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

8.جىلىن

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى ئۆلچىمى، ھەربىرەيلەننىڭ يىللىق ئومۇمىي سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1800يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، نەق پۇل، مال سېتىۋېلىش كارتىسى ۋە پۇل بېلىتى تارقىتىشقا بولمايدۇ.

9.خېيلوڭجياڭ

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى ئۆلچىمى، ھەربىرەيلەننىڭ يىللىق ئومۇمىي سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1500يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردە تارقىتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنى تارقىتىشقا يول قويۇلمايدۇ.

10.شاڭخەي

2019-يىلى، بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى يىللىق تارقىتىش ئومۇمىي سوممىسى ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ شۇ يىللىق پىرسەنت قالدۇرۇش خىراجىتىنىڭ %50ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، قولايلىق، جانلىق تارقىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ماددىي بۇيۇم ياكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ بەلگىلەنگەن بۇيۇملارنىڭ مال ئېلىش دوكۇمېنتىنى ئالسا بولىدۇ. تارقاتقان بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىغا ئۆزى ئىمزا قويۇپ ئالغان تىزىملىكنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك. نەق پۇل، مال سېتىۋېلىش كارتىسى قاتارلىقلارنى تارقىتىشقا بولمايدۇ.

11.جياڭسۇ

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى ئۆلچىمى، ھەربىرەيلەننىڭ يىللىق ئومۇمىي سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1800يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

12.جېجياڭ

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەربىر ئادەمگە يىلىغا 1500 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىللىق ھال سوراش چىقىمى ئومۇمىي سوممىسى شۇ يىلى ئاجرىتىلغان خىراجەت كىرىمىنىڭ %60 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 

13.ئەنخۇي

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەربىر ئادەمگە يىلىغا 1500 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

14.فۇجيەن

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى ئۆلچىمى، ھەربىرەيلەننىڭ يىللىق ئومۇمىي سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1800يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

15.جياڭشى

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەربىر ئادەمگە يىلىغا 2100 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئالدى بىلەن ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن پىرسەنت ئاجرىتىپ بېرىش خىراجىتى ئىچىدىن چىقىم قىلىنىشى، نەق پۇل، مال سېتىۋېلىش كارتىسى قاتارلىق پۇل بېلىتى تارقىتىلماسلىقى كېرەك.

16.شەندۇڭ

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەربىر ئادەمگە يىلىغا 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، نەق پۇل، مال سېتىۋېلىش كارتىسى قاتارلىق پۇل بېلىتى تارقىتىلماسلىقى كېرەك.

17.خېنەن

ھەربىر ئۇيۇشما ئەزاسىنىڭ يىللىق بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى ئومۇمىي سوممىسى ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىراجەت ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ھال سوراش بۇيۇملىرى ياكى ھال سوراش بۇيۇملىرىنى بىۋاسىتە تارقىتىشقا بولىدۇ، لېكىن نەق پۇل، مال سېتىۋېلىش كارتىسى، پۇل بېلىتى تارقىتىشقا بولمايدۇ.

18.خۇبېي

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەربىر ئادەمگە يىلىغا 1700 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجىتى يېتەرلىك بولغان كارخانا، ئورۇنلاردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەربىرىگە يىلدا 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

19.خۇنەن

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەربىر ئادەمگە يىلىغا 2100 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

20.گۇاڭدۇڭ

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەربىر ئادەمگە يىلىغا 2500 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

21.گۇاڭشى

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى تارقىتىشتا، ماددىي بۇيۇم تارقىتىش ياكى مال ئېلىش تالونى قاتارلىق قولايلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يولغا قويۇلسا بولىدۇ، مال ئېلىش تالونىدىكى نەرسىلەرنىڭ نامى ۋە سانىنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك، نەق پۇل، مال سېتىۋېلىش كارتىسى، پۇل بېلىتى تارقىتىشقا بولمايدۇ. ھەربىر ئۇيۇشما ئەزاسىنىڭ يىللىق بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى ئومۇمىي سوممىسى 1500يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

22.خەينەن

ھەربىر ئۇيۇشما ئەزاسىنىڭ يىللىق بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى ئومۇمىي سوممىسى 1500يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، يەككە قېتىملىقى 500 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، مەمۇرىي ياردەم پۇلى كىرىمىدىن چىقىم قىلماسلىقى كېرەك.

23.چۇڭچىڭ

چاغانلىق ھال سوراش ئۆلچىمىنى 1000 يۈەن ئىچىدە كونترول قىلىش، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمىلىق ھال سوراش ئۆلچىمىنى 300 يۈەن ئىچىدە كونترول قىلىش، يېڭى يىل بايرىمى، چىنمىن بايرىمى، دۈەنۋۇ بايرىمى، جوڭچىيۇ بايرىمىلىق ھال سوراش ئۆلچىمىنى 200 يۈەن ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك.

24.سىچۈەن

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەربىر ئەزاغا يىلىغا 2100 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

25.گۈيجۇ

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئۆلچىمى چاغاندا كىشى بېشىغا 500 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا بايراملار ۋە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت بايراملىرىدا كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان پۇل 200 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

26.يۈننەن

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەربىر ئەزاغا ھەر قېتىمدا بېرىلىدىغان پۇل 300يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردە تارقىتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنى تارقاتماسلىقى كېرەك.

27.شىزاڭ

ھەربىر ئۇيۇشما ئەزاسىنىڭ يىللىق بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى ئومۇمىي سوممىسى 1500يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، يەككە قېتىملىقى 300 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. نەق پۇل، مال سېتىۋېلىش كارتىسى، پۇل بېلىتى تارقىتىشقا بولمايدۇ.

28.شەنشى

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەربىر ئەزاغا يىلىغا 2200يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردە تارقىتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنى تارقاتماسلىقى كېرەك.

29.گەنسۇ

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەربىر ئەزاغا يىلىغا 2000يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

30.چىڭخەي

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەربىر ئەزاغا يىلىغا 1000يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

31.نىڭشيا

بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەربىر ئەزاغا يىلىغا 1800يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنىڭ مەبلەغ مەنبەسى ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئاجرىتىپ بەرگەن خىراجەت كىرىمى بىلەن چەكلىنىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有