\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خوگودىن پايدىلىنىپمۇ جىنايەتچىنى تۇتقىلى بولىدىكەن

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-11 14:28

9-ئاينىڭ 7-كۈنى، جياڭسۇ نەنتوڭ ساقچىلىرى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى A دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان جىنايەتچى گو بىڭ بىلەن قىز دوستىنىڭ مەلۇم بىر ياتاق بىناسىدا خوگو يەۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغان، ساقچىلار زال ئىچىدە تەكشۈرۈۋاتقاندا، مەلۇم بىر ئۆيدىن مەززىلىك خوگو پۇرىقى كېلىپ، شۇ پۇراق بويىچە قاچقۇن جىنايەتچىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتقان.

 

8-ئاينىڭ 27-كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى A دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى 50 نەپەر ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن قاچقۇن جىنايەتچىنى ئېلان قىلغان.

بۇنىڭ ئىچىدە، نەنتوڭلۇق گو بىڭ، قارا جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەشكىلاتقا قاتنىشىش ۋە ئالدامچىلىق، قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتىگە چېتىلىش گۇمانى بىلەن قاچقۇن جىنايەتچىلەر تىزىملىكىدە 13-ئورۇنغا تىزىلغان 

بۇ يىل 5-ئايدا، نەنتوڭ چوڭچۈەن ج خ تارماق ئىدارىسى خوڭچياۋ ساقچىخانىسى، بىر «ئالدامچىلىق قىلىپ قەرز بېرىش» شايكىسى دېلوسىنى بېجىرىش جەريانىدا، بۇ شايكا كاتتىبېشى گو بىڭنىڭ، نەنتوڭ شەھىرىدە تىجارەت قىلىدىغان ئىككى ئاپتوموبىل قەرزى بېجىرىدىغان شىركەتتىن پايدىلىنىپ، «ئالدامچىلىق قىلىپ قەرز بېرىش»تەك قانۇنسىز قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بايقىغان، ساقچىلار دەرھال گو بىڭنى تۇتۇش ئۈچۈن ئاتلانغان، لېكىن گو بىڭ ئىزچىل قېچىپ يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن.

9-ئاينىڭ 7-كۈنى، ساقچىلار گو بىڭنىڭ قىز دوستى بىلەن ئۇچرىشىپ خوگو يېمەكچى بولغانلىقىدەك مۇھىم يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەن، ساقچىلار ياتاق بىناسى زالىدا تەكشۈرۈپ، گو بىڭنىڭ ئورنىنى بېكىتمەكچى بولغاندا، بىر ئۆيدىن خوگونىڭ مەززىلىك پۇرىقى چىققان. ساقچىلار بۇ جىنايەتچىنىڭ شۇ ئۆيدە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن.

8-چېسلا سەھەردە، جىنايەتچىنى تۇتۇش پۇرسىتى كەلگەن. ساقچىلار ئىشىكنى بۇزۇپ كىرىپ، گو بىڭنى تۇتقان ۋە تاماق يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ كىيىمى، قالپاق قاتارلىق نەرسىلەرنى تاپقان.

ئەسلىدە، گو بىڭ، ساقچىلارنىڭ تۇتۇشىدىن قېچىش ئۈچۈن، ئادەتتە تاماق يەتكۈزگۈچى قىياپىتىدە يۈرگەن ئىكەن.

ھازىر گو بىڭ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.

中央广播电视总台 央广网 版权所有