\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شوپۇر بولا مۇشۇنداق بولا

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-11 14:29

 

يېقىندا، چەتئەلدە بىر ۋىدېيو كەڭ تارقىلىپ كەتكەن.

 

8-ئاينىڭ 28-كۈنى، بىر يۈك ئاپتوموبىلى شەنشى يۈنچېڭدا شامال گېنىراتورىنىڭ غايەت زور چاقپېلەك قانىتىنى تاغ ئايلانما يولى ئارقىلىق تاغ چوققىسىغا توشۇپ چىققان.

 

خەۋەردە دېيلىشىچە، بۇ چاقپىلەك قانىتىنىڭ ئېغىرلىقى 20 توننا، ئۇزۇنلۇقى 70 مېتىر كېلىدىكەن.

بۇنداق چوڭ چاقپېلەك قانىتىنى توشۇغان يۈك ئاپتوموبىلى، تاغ يولىدا 20 دىن ئارتۇق ئايلانمىدىن ئۆتكەن.

ئون نەچچە نەپەر ئىشچى پۈتۈن مۇساپىدە تەڭ ئەگىشىپ ماڭغان، بىرنى توشۇش ئۈچۈن ئۈچ سائەت ۋاقىت كەتكەن.

چەتئەللىك تورداشلار ۋىدېيودىن بۇنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ مۇنداق دېگەن «بۇ ئاددىي قۇرۇلۇش ئەمەس، شوپۇر ئۇستامنىڭ بۇنداق ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسىغا يېتەلەيدىغانلار كۆپ ئەمەس».

«يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدىگەن شوپۇر بەك يامانكەن! بۇ ئىنسانلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان مەشغۇلات ھېسابلىنىدۇ!»

«جۇڭگو دائىم ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىپ تۇرىدۇ!»

 

«جۇڭگودا پاكىز ئېنىرگىيە كەسپى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەرگە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有