\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېڭى ئايفون چىقتى! بىراق بىزگە نىسبەتەن تازا يېڭى ئەمەس

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:白合提尔·艾拉提|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-11 16:47

بۈگۈن ئالما يېڭى تېلېفونى iphone 11, iphone 11 pro, iphone 11 pro max  نى ئېلان قىلدى.

سېتىلىش باھاسى:

 

Iphone 11 نىڭ

64 گېگابايتلىق  سىغىمىدىكىسى 5499 يۈەن

 

128 گېگابايتلىق سىغىمىدىكىسى 5999 يۈەن

 

256 گېگابايتلىق سىغىمىدىكىسى 6799 يۈەن

Iphone 11 pro نىڭ

64 گېگابايتلىق سىغىمىدىكىسى 8699 يۈەن

 

256 گېگابايتلىق سىغىمىدىكىسى 9999 يۈەن

 

512 گېگابايتلىق سىغىمىدىكىسى 11799 يۈەن

Iphone 11 pro max نىڭ

 

64 گېگابايتلىق سىغىمىدىكىسى 9599 يۈەن

 

256 گېگابايتلىق سىغىمىدىكىسى 10899 يۈەن

 

512 گېگابايتلىق سىغىمىدىكىسى 12699 يۈەن

ئىلگىرى تېلېفونلىرىدىن iphone xs max بىلەن سېلىشتۇرغاندا iphone 11 نى قىممەت دېگىلى بولمايدۇ.

بىراق بۇ يېڭى ئايفونلار سېتىۋېلىشقا زادى ئەرزىمدۇ ئەرزىمەمدۇ؟

بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئالدىدا مەن سىزگە يېڭى ئايفونلارنىڭ سەپلىمىسىنى ئاددىي چۈشەندۈرۈپ بېرەي:

Iphone 11 غا  A13 ئۆزىكى، 6.1 دىيۇملۇق LCD ئېكران سەپلەنگەن، كەينىدىكى كامېرا 1200 پىكسېللىق ئۇلترا كەڭ بۇلۇڭ ۋە كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا بولۇپ، تىترەشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى قوشۇلغان. باتارېيەنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى جەھەتتە ئالدىنقى نۇسخىدىكى ئايفوندىن بىر سائەت ئۇزۇن ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.

Iphone 11 نىڭ بىنەپشە، يېشىل، سېرىق، ئاق، قارا، قىزىل قاتارلىق ئالتە خىل رەڭلىكى چىقىرىلغان.

گەرچە ئالدىنقى قېتىملىق يېڭى مەھسۇلات بولمىش iphone xr غا نىسبەتەن 11 نىڭ باھاسى نەچچە يۈز يۈەن ئەرزان بولسىمۇ بىراق ئېكراننىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ئىككى تېلېفوننىڭ ئوخشاش ئىكەن. ناۋادا سىزنىڭ ئېكرانغا نىسبەتەن تەلىپىڭىز ئانچە يۇقىرى بولمىغان تەقدىردىمۇ بۇ يېڭى ئايفوندىن ئانچە كۆپ يېڭىلىق ھېس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن، 11نى ھەتتا ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن 2000 يۈەن ئەتراپىدىكى قىسمەن ئاندىرويىد سىستېمىلىق يانفونلارچىلىكمۇ بولالمىغان دېسەك ھەرگىز ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 11نىڭ زەرەتلىگۈچى يەنىلا ئەنئەنىۋى ھالىتىنى ساقلىغان بولۇپ، ھازىرقى باشقا تېلېفونلاردەك تېز توك قاچىلىماقچى بولسىڭىز يەنە ئايرىم پۇل تۆلەپ تېز زەرەتلىگۈچىنى سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك.

ئەمدى  iphone 11 pro غا كەلسەك، ئوخشاشلا  A13 ئۆزىكى، 5.8 دىيۇملۇق OLED ئېكران، 436 x 1125  پىكسېللىق پەرق ئېتىش نىسبىتى، iP68 دەرىجىسىدىكى سۇدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى سەپلەنگەن. ئارقا كامېرا ئۈچ بولۇپ، 1200 پىكسېللىق ئۇلترا كەڭ بۇلۇڭ ۋە كەڭ بۇلۇڭ، ئۇزۇن فوكۇسلۇق تارتىش ئىقتىدارلىرى بار، ئىككى ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىش (ھەم كىچىكلەتكىلى ھەم چوڭايتقىلى بولىدۇ)كە بولىدۇ، ئەڭ چوڭ بولغاندا ئون ھەسسىدە رەقەملىك فوكۇس ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، باتارېيەنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى ئىلگىرىكى iphone xs دىن تۆت سائەت ئۇزارتىلغان، تېز سۈرئەتتە توك قاچىلاشنى قوللايدۇ، تەخمىنەن 30 مىنۇتتا 50 پىرسەنت توك قاچىلىنىپ بولىدۇ. ( بۇ يەردە ئېلىمىزنىڭ بەش مىنۇت توك قاچىلاپ ئىككى سائەت سۆزلەشكىلى بولىدىغان يانفونلىرى ئاغزىلىرىنى ئېتىشىپ كۈلۈشمەكتە)

 

Iphone 11  بىلەن iphone xs نى ئوخشاشلا ئارتۇقچە لايىھەلەنگەن دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى 900  يۈەن خەجلەپلا تېخىمۇ چوڭ ئېكران ھەم تېخىمۇ يۇقىرى سەپلىمىدىكى، باتارېيەسى تېخىمۇ ئۇزۇن يېتىدىغان  pro maxنى سېتىۋالالايدىغان تۇرسا، كىچىك ئېكرانغا ئالاھىدە ئىشتىياقى بولمىسىلا بۇ 11 proنىڭ چوڭ رولىمۇ يوق.

Iphone 11 pro max  كە A13 ئۆزىكى، 6.5 دىيۇملۇق OLED  پۈتۈن ئېكران، 1242 x 2688  پىكسېللىق پەرق ئېتىش نىسبىتى، iP68 دەرىجىسىدىكى سۇدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى سەپلەنگەن. ئارقا كامېرا ئۈچ بولۇپ، 1200 پىكسېللىق ئۇلترا كەڭ بۇلۇڭ ۋە كەڭ بۇلۇڭ، ئۇزۇن فوكۇسلۇق تارتىش ئىقتىدارلىرى بار، ئىككى ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىش (ھەم كىچىكلەتكىلى ھەم چوڭايتقىلى بولىدۇ)كە بولىدۇ، ئەڭ چوڭ بولغاندا ئون ھەسسىدە رەقەملىك فوكۇس ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، باتارېيەنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى ئىلگىرىكى iphone xs دىن بەش سائەت ئۇزارتىلغان.

رەڭ جەھەتتە Iphone 11 pro كۈمۈش رەڭ، ئالتۇن رەڭ، كۈلرەڭ ۋە قارامتۇل يېشىل تۆت رەڭ چىقىرىلغان. 

بىر قانچە يىل ئىلگىرىكى ئالمىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى ئىزچىل سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىغىچە ئاچماي، كىشىنى ئىنتايىن تەقەززا قىلاتتى. بىراق يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىكى ئالمىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى خېلى بۇرۇنلا ئاشكارىلىنىپ بىزگە بېرىدىغان يېڭىلىق تۇيغۇسى بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى.  گەرچە ھەر قېتىملىق يېڭى ئايفوندا ئاتالمىش يېڭىلىق بولسىمۇ، بىراق ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن ھەرخىل ماركىدىكى يان تېلېفونلارنىڭ ئىقتىدار جەھەتتىكى يېڭىلىنىشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ يېڭىلىقلار  «يېڭى» بولماي قېلىۋاتىدۇ. ھەتتە ئايفوننىڭ ئىقتىدارلىرى ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن خۇاۋېي قاتارلىق يانفونلارغا يېتىشەلمەيۋاتىدۇ. ئاددىيسى لايىھە جەھەتتىمۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان چوڭ ئۆزگىرىش بولمايۋاتىدۇ. پەقەت كامېرانىڭ ئورنىدىلا كىچىك ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ.  كىشىنى بىئارام قىلىدىغان «سېكىلەك چاچ» لايىھەسىنى يوقاتمايۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئېلىمىزنىڭ يان تېلېفونلىرى ئىنتايىن نەپىس لايىھەلەرنى چىقارغان بولۇپ، ماختاشقا ئەرزىيدۇ. 

كىشىنى ئەڭ ئۈمىدسىزلەندۈرۈدىغىنى يېڭى ئايفون 5G  نى قوللىمايدۇ!!!!

يىپيېڭى ئايفوننى تۇتۇۋېلىپ، 5G دەك تېز سۈرئەتلىك تورنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەلمىسەك، بۇنچە قىممەت تېلېفوننى سېتىۋېلىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ قەيەردىلىكىنى كىم ماڭا ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟

بولدى، يېڭى ئايفوننىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى مۇشۇنچىلىك بولسۇن، ئۇنداقتا سىز يېڭى ئايفوننى سېتىۋالامسىز؟ نېمىشقا؟؟

中央广播电视总台 央广网 版权所有