\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدىكى بۇ مەكتەپ 70 ياشقا كىردى!

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:白合提尔·艾拉提|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-11 16:48

9-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىخەنزە داشۆسى مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا، جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ شىخەنزە داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

1949-يىلى شىخەنزە داشۆسىنىڭ ئاساسى بولغان جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىڭتۈەن 1-سەھىيە مەكتىپى لەنجۇدا قۇرۇلۇپ، ئارمىيە بىلەن بىللە شىنجاڭغا كېلىپ، ئاخىرىدا شىخەنزىدە يىلتىز تارتقان. يىللار ئۆتۈپ، مەكتەپ ئورنى كۆپ قېتىم ئۆزگىرىپ، مەكتەپ نامى نەچچە قېتىم ئۆزگەرگەن.

1996-يىلى شىخەنزە داشۆسى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق شىخەنزە يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى، شىخەنزە تېببىي شۆيۈەنى، بىڭتۈەن سىفەن ئالىي تېخنىكومى ۋە بىڭتۈەن ئىقتىساد ئالىي تېخنىكومىنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا قۇرۇلغان. 2008-يىلى شىخەنزە داشۆسى دۆلەتنىڭ "211 قۇرۇلۇشى"دىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئايلانغان. 2012-يىلى « ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى» ۋە «ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى»غا تاللانغان. 2017-يىلى، دۆلەتنىڭ «قوش بىر ئېقىم» قۇرۇلۇشى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلەر قۇرۇلۇشى ئالىي مەكتىپى قىلىپ تاللانغان. 2018-يىلى «مىنىستىرلىق بىلەن ئۆلكە بىرلىشىپ قۇرغان» ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇلغان. 

مەكتەپ قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، شىخەنزە داشۆسى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، «مەۋقەنى بىڭتۈەنگە قويۇش، شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلىش، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىش، ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىش»تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش نىشانىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «بىڭتۈەن روھى بىلەن ئادەم تەربىيەلەش، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى قوغداش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش»تەك مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، چېگرا رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

مەكتەپ باشقۇرۇش كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، شىخەنزە داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، چېگرا رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندى. مەكتەپ ئىلگىرى-كېيىن 183 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلىدى، تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى باشتىن-ئاخىر %90تىن يۇقىرى بولدى، %64 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن شىنجاڭ، بىڭتۈەندە ئىشقا ئورۇنلىشىپ، «مائارىپ ئارقىلىق چېگرانى قوغداش»تەك ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有