\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تېز كۆرۈڭ! 2 مىليون ئادەم بۇ كەسىپتە تەربىيەلەنمەكچى

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-08 16:23

 

ئېلىمىزدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياشانغان كىشى 180 مىليونغا يېقىنلاشتى، ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغان كىشى 40 مىليوندىن ئاشتى.

 

دۆلەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا «داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق راۋانلاشتۇرۇلۇپ، تەستىقلاش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى، يەر، باج قاتارلىق جەھەتلەردە داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشكە ياردەم بېرىلىپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى مەھەللە ۋە يېزىلارغىچە كېڭەيتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

دۆلەت «ئائىلىدە تۇرۇشنى ئاساس، مەھەللىنى تايانچ، ئاپپارات تولۇقلاش، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش» تىن ئىبارەت كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ ياشتىكى ساغلام ياشانغانلار، ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزاق مۇددەت پەرۋىش قىلىش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، كۆپ خىل، كۆپ قاتلاملىق كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

كەلگۈسى ئۈچ يىلدا مەملىكەت بويىچە 2 مىليون كۈتۈنۈش پەرۋىشكارى تەربىيەلىنىدۇ 

كۈتۈنۈش پەرۋىشكارى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىر ئېھتىياج تەمىنلەشتىن كۆپ بولغان ھالەت شەكىللەندى. بۇنىڭ ئۈچۈن، يېقىندا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» نى تارقىتىپ، «2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، 10 مىڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسى باشلىقى، 2 مىليون ياشانغانلار پەرۋىشكارى، 100 مىڭ مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ياشانغانلار ئىجتىمائىي خىزمەتچىسىنى تەربىيەلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

جاڭ موماي بۇ يىل 90 ياشقا كىردى، ياشانغانلار پەرۋىشكارى جاڭ موماينىڭ بەدىنىنى ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم ئۆرۈپ قويىدۇ، جاڭ موماينىڭ كارىۋاتتىن چاقلىق ئورۇندۇققا يۆتكىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. 

بېيجىڭدىكى مەلۇم ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە تۇرىدىغان جاڭ موماي مۇنداق دېدى: مەن 2013-يىلى 8-ئايدا ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە كەلگەن، چاقىرغۇچ بار، كېچىدىمۇ دىجورنىلىق قىلىدىغان ئادەم بار. 

88 ياشلىق ليۇ موماي گەرچە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالىسىمۇ، لېكىن بەزى تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىدە ياردەمگە موھتاج. «يېشىم چوڭىيىپ قالغاچقا، پۇتۇمنىڭ تىرنىقىنى ئالالمايمەن، شۇڭا ياردەمگە موھتاج.

ئالاقىدار كەسپىي خادىم مۇنداق دېدى: كۈتۈنۈش پەرۋىشكارلىرى ئاساسىي داۋالاش بىلىملىرى، كەسپىي پەرۋىش ماھارەتلىرى ھەمدە ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەش قاتارلىقلارنى بىلىشى كېرەك، لېكىن ھازىر ياشانغانلار پەرۋىشكارلىرى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ.  

بېيجىڭدىكى مەلۇم ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ باشلىقى جاۋ تىڭ مۇنداق دېدى: ياشانغانلار كۈتۈنۈش پەرۋىشكارلىرى ھازىر ناھايىتى كەمچىل، ھازىر بۇ كەسىپنىڭ تەرەققىياتى تېز، بىزگە بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ئىختىساسلىقلار كېرەك.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە 40 مىليون ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغان كىشى بار،  6 مىليون ياشانغاندا كۈتۈنۈش پەرۋىشكارىغا ئېھتىياجلىق. ئەمما ھازىر ئەمەلىي كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئاران 300 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ جەھەتتە غايەت زور بوشلۇق بار.  بۇنىڭ ئۈچۈن 9-ئاينىڭ ئاخىرى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» نى تارقىتىپ، 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، 2 مىليون ياشانغاندا كۈتۈنۈش پەرۋىشكارى، يۈز مىڭ ياشانغانلار ئىجتىمائىي خىزمەتچىسىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.  

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كەسپى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋۇ دەنشىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ياشانغاندا كۈتۈنۈش پەرۋىشكارلىرى ئەترىتىدە ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ مەسىلە مەۋجۇت: بىرىنچى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىيىن بولۇش؛ ئىككىنچى، كەسىپ ئىگىلىرىنى تۇتۇپ قېلىش تەس بولۇش؛ ئۈچىنچىسى، كەسىپ يولى راۋان بولماسلىق. ياشلارنى بۇ كەسىپكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك، كۆپلىگەن مىنىستىرلىق، كومىتېتلار ھەمكارلىشىپ، بازاردىكى ھەقىقىي قىيىن نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有