\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى نېمە ئۈچۈن كۆزىنى چىمچىقلاتمايدۇ؟

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 09:13

«نۆلدىن نۆل مىنۇت نۆل سېكۇنت ئۆتكەندە جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىلىدۇ، بۇ بىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىمىز!»، «154 يىل بولدى، بىز بىر سىكۇنتمۇ ئارتۇق ساقلىيالمايمىز!»

يېقىندا قويۇلۇۋاتقان «مەن ۋە ۋەتىنىم» تېمىسىدىكى كىنودا تەسۋىرلەنگەن شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدىكى تارىخىي كۆرۈنۈشلەر نۇرغۇن ئادەمنى ھاياجانغا سالدى!

10-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، @人民日报، مەزكۇر كىنونىڭ پەردە ئارقىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئېلان قىلدى. بۇ ھۆججەتلىك پىروگراممىدا، 1997-يىلى شياڭگاڭ ھاكىمىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىدا بايراق چىقارغۇچى بولغان جۇ تاۋ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بايراق قوغدىغۇچىسى سۇڭ يۆچياڭ، كىنودىكى ئاساسلىق رول ئالغۇچىلار بىلەن پاراڭلاشقان.

 

جۇ تاۋ، سۇڭ يۆچياڭلار ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، ئۈچ ئارمىيەنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مەشىق قىلغاندا، بىر قېتىمدا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئالتە سائەت تىك تۇراتتۇق، يەنە تېخى بىر قانچە سائەت كۆز چىمچىقلاتمايتتۇق».

بۇ ھەيران قالارلىق سانلار باش رول ئالغان ئارتېس دۇ جياڭنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرغان.

نېمە ئۈچۈن كۆز چىمچىقلاتماسلىقنى مەشىق قىلىدۇ؟

ئۇلار ئاشكارىلاپ مۇنداق دېگەن: «چۈنكى چەتئەل مۇخبىرلىرى مەخسۇس جۇڭگو ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ كۆز چىمچىقلاتقان ۋاقىتلىرىنى، قىياپىتى ئانچە ياخشى بولمىغان ۋاقىتلارنى، ھەربىي قىياپەتكە تەسىر يەتكۈزىدىغان سۈرەتلەرنى تارتىدۇ».

شۇنىڭ ئۈچۈن جەڭچىلەر قول يۇيۇش ئۆيىدە ئۆز تاشقى قىياپىتىنى رەتلەپ تۈزەپ، سىرتقا چىققاندا ئەڭ ياخشى قىياپىتىنى نامايەن قىلىشقا ئادەتلەنگەن.

10-ئاينىڭ 2-كۈنى خەلق گېزىتى يېڭى تاراتقۇسىدا ئېلان قىلغان يەنە بىر ۋىدىيودا، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ كۈندىلىك مەشىقتە ئۇدا 4-5 سائەت تىك تۇرۇشنى مەشىق قىلىۋاتقانلىقى، شۇ چاغدا يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ 60 نەچچە گىرادۇسقا يېتىپ، ئايلىنىپ قالسىمۇ ھېچكىمنىڭ چېكىنىپ چىقمىغانلىقى خاتىرىلەنگەن...

جاپالىقمۇ؟ ھاردىڭلارمۇ؟ بۇ سوئالغا قارىتا ئۇلار مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

«قايسىسى جاپالىق ئەمەس؟ ئۇلاردىن تېخىمۇ ياخشى قىلماقچى بولسىڭىز، چوقۇم تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلىشىڭىز كېرەك.»

«زور مىقداردا مەشىق قىلغاندىلا، قايتا-قايتا مەشىق قىلغاندىلا، ئاندىن ۋەزىپىنىڭ نۇقسانسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.»

«بىزگە تىرەك بولۇۋاتقان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، مېنىڭچە دەل قۇدرەتلىك شەرەپ تۇيغۇسى.»

بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدىكى ھەربىي پاراتقا، ئۇلار بايراق چىقارغۇچى، ھۆرمەت توپى ئاتقۇچى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى، پارات ئۈلگە ئەسكەرلىرىدىن ئىبارەت تۆت چاسا ئەترەتنى قاتناشتۇرغان. ھەربىي پاراتتىن كېيىن، ئۈچ ئارمىيەنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى پۈتۈن تورنى قاپلىغان.

ۋىدىيودىن كۆرۈڭ

 

تورداشلار بەس-بەس بىلەن ئىچى ئاغرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «نېمىدېگەن جاپالىق» دېيىشكەن.

坐家-五味俱全: بۇ بەك قىيىن ئىش، جۇڭگو ھەربىيلىرىگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

仙靓小女姿: دۆلىتىمىزنىڭ ئىپتىخارلىرى، سىلەردىن پەخىرلىنىمەن.

别琪负上了年纪的我: كۆزنى ئۇزۇن ۋاقىت چىمچىقلاتماسلىق بەكلا تەس، جۇڭگو ھۆرمەت قاراۋۇللىرى، سىلەر راستلا يامان ئىكەنسىلەر!

小名同学mmc: سىلەر دۆلىتىمىزنىڭ ئىپتىخارلىرى!

 

«خەلقئارالىق سەھنىگە چىققاندا، ئۆزۈمنى جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىمەن دەپ قارايمەن.»

جۇڭگو ھەربىيلىرى، يارايسىلەر!

جۇڭگو ھەربىيلىرىگە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有