\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نوبېل فىزىيولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 09:14

شىۋېتسىيە ۋاقتى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدىكى كارولىنسكا تېببىي شۆيۈەنىدە، نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى توماس پېرلمان، 2019-يىللىق نوبېل فېزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىنىڭ ۋىليام جورج كېيلىن، پىتىر رەتكىلىف، گرەگ سېمەنزا قاتارلىقلارنىڭ ھۈجەيرىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەشنى قانداق سەزگەنلىكى ۋە ماسلاشقانلىقىنى بايقىغانلىقىدەك نەتىجىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن نوبېل مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار توققۇز مىليون شىۋېتسىيە كورۇناسى (تەخمىنەن 6 مىليون 530 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) غا ئېرىشىدىكەن.

ۋىليام جورج كېيلىن، نىيۇيوركتا تۇغۇلغان، ئامېرىكا راك كېسەللىكلىرى ئالىمى، خاففور تېببىي شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى. كېيلىن تەجرىبىخانىسى كۆرۈش تور پەردە ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسى ئاقسىلى (pRB)، von Hippel-Lindau ئاقسىلى (pVHL) ۋە p53 ئۆسمىنى چەكلىگۈچى ئاقسىل p73 نىڭ ئوخشاش مەنبەلىك ماددىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆسمىنى چەكلىگۈچى ئاقسىلنىڭ ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلغان.

پېتىر جون رەتكىلىف، ئەنگلىيەلىك تىببي ئالىم، مولىكۇلا بىيولوگىيەسى مۇتەخەسسىسى، لانكاشىردا تۇغۇلغان، 1972-يىلى كامبرچ داشۆسى ۋە سان بادوروما دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئۆگەنگەن، 1978-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئوكسفوردقا بارغان. 1989-يىلى ئۆزىنىڭ يېڭى تەجرىبىخانىسىنى قۇرغان. رەتكىلىف ئاساسلىقى ئوكسىگېن كەمچىل بولۇش تەتقىقاتى بىلەن نام چىقارغان. 1989-يىلى ئۆزىنىڭ يېڭى تەجرىبىخانىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، رەتكىلىف گۇرۇپپىسى قىزىل قان شارچىسىنى ھاسىل قىلغۇچى ھورمۇننى كونترول قىلىشنى كۆزەتكەن، بۇ خىل ماددا ھۆجەيرىدە ئوكسىگېن كەمچىل بولغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ.

گرەگ سېمەنزا، ئامېرىكىلىق تېببىي ئالىم. ھاياتلىق سىستېمىسىدىن قانداق پايدىلىنىش، ئوكسىگېننى قانداق تەڭشەشنى تەتقىق قىلىش بىلەن نام چىقارغان. ئۇنىڭ كوللېكتىپى HIF-1 (ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى فاكتور-1) كونترول قىلىدىغان گېننىڭ يىپسىمان تەنچىنىڭ نەپەسلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ماددا ھۈجەيرىنىڭ ئوكسىگېن يېتىشمەسلىككە بولغان ئالاھىدە ئىنكاسى ۋە يۈرەك قان-تومۇر سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بىر قىسىم راك كېسەللىكلىرىدە، HIF نىڭ زىيادە ئىپادىلەنگەنلىكىنى كۆزىتىشكە بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有