\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۆلۈۋالماقچى بولغان بىر ئەر دەرياغا سەكرەپلا پۇشايمان قىلدى

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 09:14

جياڭسۇ جۈنئەن ليەن شۈيدىكى خۇاڭ X، ھېسسىيات جەھەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقتىن، ھاراق ئىچىپ بولۇپ دەرياغا سەكرەپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان. لېكىن دەرياغا سەكرىگەن ھامانلا پۇشايمان قىلىپ، قىرغاقتىكىلەرگە قاراپ «مېنىڭ ئۆلگۈم يوق، مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭلار!» دەپ ۋارقىرىغان. قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ دېگەن بىر گېپى، ئەتراپتا قاراپ تۇرغانلارنى كۈلدۈرۈۋەتكەن.

ئەتراپقا ئولىشىۋالغان ئاممىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 10-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەر سائەت ئىككىدىن ئاشقاندا، جۈنئەن شەھىرى ليەنشۈي ناھىيەسىنىڭ دوڭمېندىكى تانكا كۆۋرۈكىدە، بىر ئەر مەست بولۇپ قېلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان، لېكىن بۇ ئەر سۇغا سەكرەپ بىر قانچە يۇتۇم سۇ ئىچىۋالغاندىن كېيىن «مېنىڭ ئۆلگۈم يوق» دەپ ۋارقىرىغان.

دەل شۇ ۋاقىتتا ليەنچېڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى بۇ يەردىن ئۆتۈۋاتقان بولۇپ، ئۇنى قۇتقۇزۇشقا باشلىغان. سۇغا سەكرىگەن ئەر سۇ ئىچىدە تۇرۇپ «تېز بولۇڭلار، بەرداشلىق بېرەلمەي قالدىم» دېگەن.

ساقچى جوۋ لېي، ئارتۇقچە ئويلىنىپ يۈرمەيلا دەرياغا سەكرەپ، بۇ ئەرنىڭ يېنىغا ئۈزۈپ بارغاندا، بۇ ئەر تېخى پۈتۈنلەي چۆكۈپ كەتمىگەن ئىدى. جوۋ لېي ئۇنىڭغا بىر ئارغامچا تاشلاپ بەرگەن، ئەر بۇ ئارغامچىنى تۇتۇۋېلىپ قىرغاققا قاراپ ئۈزگەن. ئارقىدىن جوۋ لېي ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە سۇغا سەكرىگەن خىزمەتدىشى لو چۈنخۇا ئىككىيلەن قىرغاقتىكى بىر قانچە ياردەمچى ساقچىنىڭ ياردىمى بىلەن سۇغا سەكرىگەن بۇ ئەرنى قىرغاققا قۇتقۇزۇپ چىققان...

قۇتقۇزغان ساقچىلارنىڭ پۈتۈن كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كەتتى

قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئەر قىرغاققا چىقىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ھاسىرىغاچ يەنە بىر تەرەپتىن «ئادەم تارتىدىغان جاپا ئەمەس ئىكەن بۇ» دېگەن.

ئەتراپتا ئولىشىپ تۇرغان ئامما كۈلۈشۈپ كەتكەن.

دەرياغا سەكرىگەن ئەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە، دەرياغا سەكرىگىنى ليەنشۈي خوڭياۋلىق 42 ياشلىق ئەر خۇاڭ X بولۇپ، شۇ كۈنى كەچتە بىر قانچە ئاغىنىلىرى بىلەن ئاشخانىدا تاماق يېيىشكەن، ئارىلىقتا نۇرغۇن ئاق ھاراق ئىچكەن، سورۇندىن تارقىغاندىن، خۇاڭ X ئۆيىگە قايتىپ، كىچىككىنە ئىشلار سەۋەبىدىن ئايالى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، دەرياغا سەكرەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان.

كۆرگۈچى ۋاڭ ئەپەندىم مۇنداق دېگەن: «شۇ ۋاقىتتا خۇاڭ X كۆۋرۈك رېشاتكىسى ئۈستىدە ئىككى تال تاماكا چېكىپ بولغاندىن كېيىن، دەرياغا سەكرىدى، لېكىن سۇغا چۈشكەندىن كېيىن، ھايات قېلىش ئىستىكىدە قۇتقۇزۇۋېلىڭلار دەپ ۋارقىرىدى».

ساقچى جوۋ لېي مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «دەل كەلگىنى بىز يەنە بىر دېلونى بىر تەرەپ قىلىپ قايتىپ كېلىۋاتقان ئىدۇق، دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ نەق مەيدانغا كەلگۈچە ئىككى مىنۇتمۇ كەتمىدى، يەنە كېلىپ يولدىن ئۆتكۈچىلەرمۇ دەل ۋاقتىدا دېلو مەلۇم قىلغاچقا، قۇتقۇزۇشنىڭ ئالتۇن ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمىدى.»

中央广播电视总台 央广网 版权所有