\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىستېپا بەرگەنلەر بىر مىليون تۆلەم تۆلەش؟ قانداق قىلىش كېرەك؟

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 18:38

بېيجىڭدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەيدىغان ۋاڭ جىڭ يېقىندا خىزمەتتىن ئايرىلماقچى بولدى، مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ئۇخلىيالمىغىنىغا بىر ئاي بولغانىدى. ئەسلىدە، خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىلتىماسى سۇنغاندا، ۋاڭ جىڭغا ئەينى ۋاقىتتا ئىدارە بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامى بويىچە، خىزمەتتىن ئايرىلىش ئۈچۈن بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تاپشۇرۇش ئۇقتۇرۇلغانىكەن. ۋاڭ جىڭ ئىشچىلار گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «مەن ئون يىل ئىشلەپمۇ بىر مىليون يۈەن تاپالمىدىم، مەكتەپمۇ ماڭا مۇناسىپ تەربىيەلەش ھەققىنى تاپشۇرۇپ بەرمىدى، شۇڭا مەكتەپ بەرگەن توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى چەكتىن ئېشىپ كەتتى.» دەيدۇ. 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىزمەتتىن ئايرىلىشقا خىلاپلىق قىلىشقا ئالاقىدار ئەمگەك ماجىرالىرى قايتا پەيدا بولدى. بىر قىسىم خىزمەتتىن ئايرىلغانلار «توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە قوبۇل قىلالمايمىز» دەپ قارايدۇ. ئەمما ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار «ئىدارە ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ پۇل ۋە كۈچ سەرپ قىلىدۇ، شۇڭا باھا قويۇش مۇۋاپىق» دەپ قارىغان. ئۇنداقتا، خىزمەتتىن ئايرىلغاندىكى توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنىڭ «باھا بېكىتىش» ئۆلچىمى نېمە؟

ۋاڭ جىڭ ئەتراپىدىكى تەڭتۇشلىرىنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلسا ئۆزى تۆلەيدىغان توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنىڭ شۇنچە كۆپ ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. 2017-يىلى، ۋاڭ جىڭ بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ خىزمەت قىلىدۇ ھەمدە مەكتەپ بىلەن 10 يىللىق ئەمگەك توختامى ئىمزالايدۇ، ئۇ خىزمەتكە كىرگەندە بىۋاسىتە ئىشتاتلىق خىزمەتچى بولۇپ كىرىدۇ شۇنداقلا مەكتەپ ئۇنىڭغا بېيجىڭ نوپۇسىنى بېجىرىپ بېرىشكە ۋەدە بېرىدۇ. ئەمما خىزمەت قىلغان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ۋاڭ جىڭ بېيجىڭدا تۇرمۇش بېسىمىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ خىزمىتى بىلەن ئۆز غايىسىنىڭ خېلىلا يىراق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭدا خىزمەتتىن ئايرىلىش ئويى پەيدا بولىدۇ. ۋە بېيجىڭ نوپۇسىدىن ۋاز كېچىپ، يۇرتىغا قايتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئويلايدۇ.

ۋاڭ جىڭ مەكتەپكە خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى سۇنغاندا، مەكتەپ ئەينى چاغدا ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى چىقىرىدۇ. توختامدا «ئەگەر خىزمەت مۇددىتى توشماي تۇرۇپ خىزمەتتىن ئايرىلىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى يىللىق مائاشقا خىزمەتنى ئادا قىلمىغان يىل سانىغا 50 مىڭ يۈەن قوشۇش فورمۇلاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ» دېيىلگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، مەكتەپ ۋاڭ جىڭنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلسا، 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ۋاڭ جىڭ بۇ سوممىدىن چۆچۈپ كېتىپ مۇخبىرغا «مەن كۆپ قېتىم مەكتەپ بىلەن مەسلىھەتلىشىشنى ئويلىغان، لېكىن مەكتەپنىڭ پوزىتسىيەسى بىر قەدەر قاتتىق» دەيدۇ ۋە مەكتەپنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئۆزىگە توختام تۈزۈشتىن بۇرۇن ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى، خىزمەتتىن ئايرىلىش ئۈچۈن توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى تۆلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى دەيدۇ.

بۇ زور سوممىلىق توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى، ۋاڭ جىڭنى غەمگە سالىدۇ. بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ شۇنچە يۇقىرى توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەشكە قۇربى يەتمىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ مەكتەپنىڭ خىلاپلىق پۇلى سوممىسىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ۋاڭ جىڭ مۇنداق دەيدۇ: دەسلەپتە توختام ئىمزالىغاندا ئىككىلىنىپ قالغان، 10 يىللىق توختام مۇددىتى بىزگە ئوخشاش 90-يىللاردا تۇغۇلغانلارغا نىسبەتەن سەل ئۇزۇن ھېسابلىنىدۇ. ئەمما خىزمەت پۇرسىتى چەكلىك، نوپۇسمۇ بار، تەشكىلمۇ بار بىر خىزمەت ئاسان قولغا كەلمەيدۇ. ۋاڭ جىڭ قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرىدا يەنىلا بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك توختامنى ئىمزالاشنى تاللىغانىدى بىراق ھازىر بولسا ۋاڭ جىڭ بۇنچە كۆپ توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەيدىغانلىقىنى ئويلىسىلا غەمگە پاتىدىغان بولۇپ قالغان.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مەلۇم بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىغا قاراشلىق شىركەت بىلەن داڭلىق تور رىياسەتچىسىنىڭ توختام ماجىراسى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىغا قاراشلىق شىركەت سوت مەھكىمىسىدىن رىياسەتچىنى داۋاملىق سۇپىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغاندىن باشقا، يەنە سۇپىغا قاراشلىق شىركەتكە 150مىليون يۈەن توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆپلىگەن بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىلىرىدا رىياسەتچىلەرنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ توختام ماجىراسى كېلىپ چىقىپ، رىياسەتچى يۇقىرى باھادا توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەش بىلەن ئاخىرلاشتى. ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرى سوممىلىق تۆلەمنى قوللىغان، بۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىنىڭ رىياسەتچىلىككە سالغان زور مەبلىغى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 2018-يىلى چېڭدۇ شەھىرى شۇاڭليۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى سىرتقا ئېلان قىلغان «ئۇچقۇچىلارنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىش ماجىراسى دېلولىرىنى سوت قىلىش ئاق تاشلىق كىتابى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، بۇ مەھكىمە ئۇچقۇچىلارنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىش ماجىراسى دېلوسىدىن 192نى قوبۇل قىلغان. بۇ دېلولاردىن قارىغاندا، ئاۋىياتسىيە شىركىتى خىزمەتتىن ئايرىلغان ئۇچقۇچىدىن تەلەپ قىلغان توختامغا خىلاپلىق پۇلى ۋە تۆلەم پۇلى ئادەتتە 4 مىليون يۈەندىن 7 مىليون يۈەنگىچە بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۇقىرىسى ھەتتا 12 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.

ئۇچقۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھالىق توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى نۇرغۇن تورداشلارنى ھەيران قالدۇردى، كارخانا تەرەپ بولسا«لاياقەتلىك ئۇچقۇچىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن، كارخانا نۇرغۇن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ سەرپ قىلىدۇ» دەيدۇ. شۇڭا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۇچقۇچى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، ئالدىنقى مەزگىلدە چىقىم قىلغان غايەت زور تەربىيەلەش ھەققىگە ئاساسەن، ئۇچقۇچىدىن مۇناسىپ زور سوممىلىق خىلاپلىق پۇلى ۋە تۆلەم پۇلى تۆلەپ، زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. نۇرغۇن مەشىق خىراجىتى ۋە تەربىيەلەش ھەققىنى تولۇقلاشتىن باشقا، ھازىر نۇرغۇن كارخانىلار ئاساسلىقى نوپۇس، ئىشتات قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتۇۋاتىدۇ. بېيجىڭدا ۋەزىپە ئۆتىگەن مەلۇم چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىسىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى مەسئۇلى مېڭ خۇا نۇرغۇنلىغان نوپۇسنى ئېلىپ كېتىپ قالغان ئەمگەك ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلغان. مېڭ خۇا تۇرۇشلۇق ئورۇندا يېڭى خىزمەتچىلەر خىزمەتكە چۈشكەندە، ئورۇنلار ئۇلار بىلەن ئەمگەك ۋەدىنامىسى ئىمزالايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇلازىمەت يىل چەكلىمىسى ۋە توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسى بەلگىلىنىدۇ ھەمدە كەسىپ رىقابىتىگە چەك قويۇش بەلگىلىمىسى چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر خىزمەتچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تەمىنلىگەن تەربىيەلەشكە قاتناشقان ياكى ئىدارىنىڭ مائارىپ خىراجىتىنى ئالغان بولسا، خىزمەتتىن ئايرىلغان ۋاقىتتا مۇناسىپ پۇل سوممىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

مېڭ خۇانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى بېكىتىش ئۆلچىمى ئاساسلىقى ئوخشاش كەسىپتىكى باشقا كارخانىلار تەلەپ قىلغان سوممىدىن شۇنداقلا شۇ يىللىق نوپۇسقا ئېلىش كۆرسەتكۈچىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىگە باغلىق ئىكەن. نوپۇسقا ئېلىشنىڭ بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنىڭ ئۆلچىمىمۇ ئۆسكەن.

مېڭ خۇا مۇنداق دەيدۇ: «شىركەتنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى ئېلىشى پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى شىركەتتىكى خادىملارنى باشقۇرۇش ۋە بۇندىن كېيىنكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى كۆزدە تۇتۇشتۇر. ھەر يىلى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ئۆزى بېجىرگەن بېيجىڭ نوپۇسىدىكى خادىملارنىڭ ساقلىنىش نىسبىتىنى تەكشۈرىدۇ، بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى كېيىنكى يىللىق كۆرسەتكۈچ سانىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر كۆپچىلىك نوپۇسىنى ئېلىپلا كەتسە، ئىدارىنىڭ كۆرسەتكۈچى بارغانسېرى ئازىيىدۇ، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ. ئىدارىلەر بۇنىڭغا ئامالسىز قالدى.»

دۆلىتىمىز ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 22-ماددىسىدا «ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەكچىنى مەخسۇس تەربىيەلەش ھەققى چىقىرىپ كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلىگەنلىرى ئەمگەكچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئىشلەپ بېرىش مۇددىتىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. ئەمگەكچىلەردىن ئىشلەپ بېرىش مۇددىتى ھەققىدىكى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلغانلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا پۈتۈم بويىچە خىلاپلىق پۇلى تۆلىشى كېرەك. خىلاپلىق پۇلىنىڭ سوممىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تەمىنلىگەن تەربىيەلەش ھەققىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەش ئادەتتە توختامغا ئەمەل قىلغان تەرەپكە زىيان يەتكۈزۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان. توختامغا ئەمەل قىلغان تەرەپنىڭ زىيان سوممىسىنى قانداق بېكىتىش تۆلەم پۇلى سوممىسىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

جۇڭگو ئەمگەك مۇناسىۋىتى شۆيۈەنى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى شېن جيەنفېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن نوپۇسقا ئېلىش كۆرسەتكۈچىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى ئەمگەكچىنىڭ نوپۇسىنى ئالغاندىن كېيىن خىزمەتتىن ئايرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۈتۈشكەن. لېكىن ئەمگەك توختامى قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، توختامدا نوپۇسقا ئالدۇرغان چاغدىكى توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى كېلىشكىلى بولمايدۇ، پۈتۈشكەن تەقدىردىمۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ھازىرقى ئەمەلىيەت داۋامىدا، ئەدلىيە ئورگانلىرى ئەمگەكچىلەرنىڭ نوپۇسقا ئېلىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا زىيان سالغان چاغدىكى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قوللايدۇ. شېن جيەنفېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەۋزەل ئورنى بولغاچقا، خىلاپلىق پۇلىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئاساسەن ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىلاپلىق پۇلى سوممىسى بەك يۇقىرى، شەرتى بەك ئېغىر بولۇشتەك ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. شېن جيەنفېڭ يۇقىرى توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى توغرىسىدا ئالاقىدارلار كېسىم ئورگىنىدىن ئۇنى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، دەپ تەكلىپ بەردى. «ئەمەلىيەت داۋامىدا، ئەمگەكچىلەرنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى تۆۋەنلىتىش ئەھۋالى ئاز ئۇچرايدۇ. لېكىن ساقلانغان مەسىلە شۇكى، نوپۇسقا ئېلىشنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنىغا ھۆكۈم قىلىش ۋە ئىسپات بېرىش ناھايىتى تەس، ئاساسلىقى يەنىلا ھۆكۈم قىلغۇچى ئورگان كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق كېمەيتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شېن جيەنفېڭ خىزمەتتىن ئايرىلغانلارغا ئەمگەك قانۇنى ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سەمىمىيەت پىرىنسىپى ئەڭ مۇھىم، ئەگەر ئالاقىدارلار نوپۇس ئېلىپ كەتمەكچى بولسا، توختامغا خىلاپلىق قىلغان ھامان خادىملار ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتى ئۈچۈن ھېسابات قىلىشى كېرەك، دەپ ئەسكەرتتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有