\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ 42 تۈرلۈك ئىسپات ئەمدى ئەمەلدىن قالىدۇ

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-07 16:02

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىسپاتنى ئازايتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئامما، كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىش قولايلىق دەرىجىسى ۋە رازىمەنلىك دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 2-تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان قىسمەن قائىدىلەردە بېكىتىلگەن ئىسپات ماتېرىياللىرى توغرىسىدىكى قارارى» (ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ [2019] 115-نومۇرلۇق ھۆججىتى) نى ئېلان قىلىپ، ئالدىنقى مەزگىلدە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ 83 تۈرلۈك ئىسپات ماتېرىيالىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئاساسىدا، يەنە 42 تۈرلۈك ئىسپات ماتېرىيالىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى.  بۇنىڭ ئىچىدە، قائىدىدە بېكىتىلگەن 15 تۈر، قېلىپلاشقان ھۆججەتتە بېكىتىلگەن 27 تۈر بار.

بۇ قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىسپات ماتېرىياللار ئاساسلىقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانى، كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئەمگەك مۇناسىۋىتى قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ.  ئاساسلىقى بەش تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

بىرىنچى، توردا تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىرى. مەسىلەن، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئىجازىتى بېجىرگەندە خىزمەتچى خادىملار ئوقۇش تارىخى ئىسپاتىنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

ئىككىنچى، تارماقلار ئارا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىرى. مەسىلەن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە تىجارەت كىنىشكىسى، تەشكىلىي ئاپپارات بىر تۇتاش ۋاكالەت نومۇرى گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

ئۈچىنچى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئاپپاراتلار ئۆز ئارا تەمىنلەيدىغان ئىسپات-ماتېرىياللاردىن ئىچكى ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدىغانلىرى. مەسىلەن، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئىشتا يارىلىنىش قارارنامىسىنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

تۆتىنچى، ئىسپات چىقىرىشنىڭ ئورنىغا بىلدۈرۈش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. مەسىلەن، مەكتەپ ئوقۇش ئىسپاتى، ئىش ئۈستىدە قازا قىلغان ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا تەمىنلىگەن ئاساسلىق تۇرمۇش مەنبەسى ئىسپاتى، بىۋاستە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئىسپاتى، ئۆلۈم ئىسپاتى، كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىش ئىسپاتى قاتارلىقلار.

بەشىنچى، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تاپشۇرمىسىمۇ بولىدىغان ئىسپاتلار. مەسىلەن، تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ،  ئەسلى نۇسخىسى ئۆزلۈكىدىن كۈچتىن قالىدۇ.

كېيىنكى قەدەمدە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئالماشتۇرۇش تەدبىرى ئۈستىدە داۋاملىق پائال ئىزدىنىپ، تارماقلار ئارا ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار ئىشلارنىڭ تەرتىپىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىسپات ماتېرىياللىرىنى كۆپەيتىش، ئىسپات تەلىپىنى ئۆستۈرۈش، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى خالىغانچە ئامما ۋە كارخانىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئەھۋاللىرىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىسپات تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有