\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بالىلار توققۇزدىن كېيىن تاپشۇرۇق ئىشلىمىسىمۇ بولىدۇ؟

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-07 16:03

10-ئاينىڭ 28-كۈنى جېجياڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى «جېجياڭ ئۆلكىسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يۈكنى يېنىكلىتىش لايىھەسى» دېيىلىدۇ) نىڭ پىكىرىنى ئېلان قىلىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش لايىھەسىدىن 33 نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەچ سائەت توققۇزدىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەچ سائەت 10 دىن كېيىن قالغان تاپشۇرۇقلارنى تاماملاشنى رەت قىلىش بەلگىلەندى.

 

33 خىل «يۈكنى يېنىكلىتىش لايىھەسى»نىڭ ئىچىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەچ سائەت 9 دىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەچ سائەت 10 دىن كېيىن قالغان تاپشۇرۇقلارنى تاماملاشنى رەت قىلىش بەلگىلەندى. «يۈكنى يېنىكلىتىش لايىھەسى»- «مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش»، «ئىمتىھان ئارقىلىق باھالاشنى قېلىپلاشتۇرۇش»، «تەربىيەلەش شەكلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش»، «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش»، «ئائىلە تەربىيەسى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»، «ھۆكۈمەت مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش» قاتارلىق يەتتە جەھەتتىكى 33 تۈرلۈك خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە تەدبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«يۈكنى يېنىكلىتىش لايىھەسى» دە ئائىلە تاپشۇرۇقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقتىنى قاتتىق كونترول قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كەچ سائەت 9 دىن كېيىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كەچ سائەت 10دىن كېيىن ئائىلە تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولالمىسا، ئاتا-ئانىلار ئىمزا قويۇپ بېكىتكەندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەشنى رەت قىلسا بولىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئوقۇغۇچىلارنى جازالىسا  بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە مۇنداق بىر قىسىم بەلگىلىمىلەر بار:

* باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەتىگەنلىك ئوقۇش ۋاقتى ئومۇميۈزلۈك سائەت 8:00 دىن كېيىن، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەتىگەنلىك دەرس ۋاقتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سائەت 8:30 ۋە 8:00 دىن بۇرۇن بولسا بولمايدۇ. 

* باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-، 2-يىللىقلىرىدا يېزىقچە سىناقنى ئاساسلىق باھالاش ئۇسۇلى قىلىشقا بولمايدۇ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بارلىق پەنلىرىدە چارەكلىك ئىمتىھان ئۇيۇشتۇرۇشقا بولمايدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدىن 6-يىللىقىغىچە بولغان ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەتئەل تىلى، ئىلىم-پەن قاتارلىق پەنلەردە مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ، بارلىق پەنلەردە چارەكلىك ئىمتىھان ئۇيۇشتۇرۇلسا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلىشى قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ. 

* ئائىلە ۋە مەكتەپ ھەمكارلىشىپ، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 سائەت، 9 سائەت، 8 سائەتتىن كەم بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

ئۇنىڭدىن باشقا، «يۈكنى يېنىكلىتىش لايىھەسى» دە يەنە مەكتەپلەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى «قەسەم بېرىش يىغىنى» ئېچىشىغا، ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ «شەرەپ تاختىسى» نى ئېلان قىلىشىغا، «مەكتەپ زومىگىرى» ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ «ئەلىيۇلئەلا»لىرىنى كۆككە كۆتۈرۈشكە ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا كۆككە كۆتۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ، دەپ بەلگىلەندى.  

نۆۋەتتە «جېجياڭ ئۆلكىسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) » گە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىۋاتىدۇ. پىكىر ئېلىش نۇسخىسى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ يەتتە خىزمەت كۈنى ئىچىدە پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.

بەزى تورداشلار بۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەزى تورداشلار بۇ بەلگىلىمىنىڭ مەشغۇلاتچانلىقى يوق دېيىشتى.

 

بەزى تورداشلار كونكرېت ئەھۋالىنى كونكرېت تەھلىل قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

 

ئۇنداقتا بۇ پىكىرگە نىسبەتەن سىز قانداق قارايسىز؟  

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有