\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئوقۇغۇچىلار يىلدا تۆت قېتىم تەتىلگە چىقىدۇ؟

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-07 16:03

بۇ يىللىق ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ «ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەتىيازلىق تەتىل، كۈزلۈك تەتىلنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» توغرىسىدىكى تەكلىپى ئېسىڭىزدىمۇ؟

يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردى

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تورىدا 11-ئاينىڭ 1-كۈنى «13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى 1212-نومۇرلۇق تەكلىپكە بېرىلگەن جاۋاب» ئېلان قىلىنىپ، گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خۇاڭ شىخۇانىڭ سۇنغان «ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەتىيازلىق تەتىل، كۈزلۈك تەتىلنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» توغرىسىدىكى تەكلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇلدى. 

مائارىپ مىنىستىرلىقى «جاۋاب»دا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەكتەپنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىنى تەڭشىشى جەمئىيەت، ئائىلە قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىزدىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، كۆپ قىسىم جايلار ئەمەلىي مەشغۇلاتتا پائال ھەم ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتتى. پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىك دەم ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ يولغا قويۇشتا، يەنە جايلارنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، تەتقىقاتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چوڭقۇر باھالاش كېرەك. مائارىپ مىنىستىرلىقى سىز ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە دەلىللەش ئاساسىدا، مۇۋاپىق پەيتتە ئالاقىدار سىياسەت، بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىدۇ.

«جاۋاب»دىكى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ كەسىپ قىسمىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندا مۇنداق دېيىلدى: 2013-يىلى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «خەلق ساياھەت ئىستىراھەت پىروگراممىسى» ۋە 2014-يىلى گوۋۇيۈەن بېسىپ تارقاتقان «ساياھەتچىلىك ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» دە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەتىيازلىق، كۈزلۈك تەتىلگە قويۇپ بېرىش توغرىسىدا پىرىنسىپال بەلگىلىمە چىقىرىلغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان «مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس تەسىس قىلىش تەجرىبە لايىھەسى» دە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرس سائىتى ئومۇمىي سانى ۋە ھەرقايسى يىللىقلار بويىچە ھەپتىلىك دەرس سائىتى سانى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ھەر يىللىق ئوقۇتۇش ۋاقتى ۋە مەكتەپنىڭ ھەرىكەتچان ۋاقتى ئايرىلدى، مەكتەپلەرنىڭ ھەرىكەتچان ۋاقتى ئىككى ھەپتە بولۇپ، مەكتەپلەر كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ؛ «ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرس لايىھەسى» دە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋاقتى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ۋە دەم ئېلىش ۋاقتى توغرىسىدا مۇناسىپ بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي مائارىپىدا دەرىجىگە ئايرىپ مەكتەپ باشقۇرۇش، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغاچقا، جايلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ رايون ئالاھىدىلىكى، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى قاتارلىقلاردا مەلۇم پەرق بارلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى يەرلىك ۋە مەكتەپلەرگە مۇۋاپىق ھەم يېتەرلىك بولغان ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەردى. جايلار دۆلەت دەرسلىكىنى تولۇق ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، نورمال ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر يىللىق ئوقۇتۇش ۋە تەتىلگە قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. 2016-يىلى، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىرلىشىپ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ساياھىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقىتىپ، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ساياھىتىنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مەكتەپلەردىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش پىلانىغا ئاساسەن تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ساياھىتى ۋاقتىنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

بەزى ئالىي مەكتەپلەر «ئەتىيازلىق تەتىل»گە قويۇۋېتىشنى سىنىدى

بۇ يىل 3-ئايدا، سىچۈەن ئۆلكىسى شىنەن ئاۋىياتسىيە كەسپىي شۆيۈەنى تەتىلگە قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا، بۇ يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى 4-ئاينىڭ بېشىدا ئالتە كۈن ئەتىيازلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىپ، ساۋاقداشلارنىڭ تەبىئەتتىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈل تاماشىسى قىلىشىنى، مۇھەببەتلىشىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

مەكتەپ ئورگان ئۈندىدارىدا تونۇشتۇرۇلىشىچە، 2019-يىلى ئەتىيازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، شىنەن ئاۋىياتسىيە كەسپىي شۆيۈەنىنىڭ مۇقىم دەم ئېلىش بىرلىكى بولۇپ قالدى.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەتىيازلىق تەتىلمۇ ھەپتە ئاخىرىدا دەرس تەڭشەش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، شۇنداقلا دەرس ۋاقتى قىسقارتىلمايدۇ. شىنەن ئاۋىياتسىيە كەسپىي شۆيۈەنى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن چىقىپ، جەمئىيەتنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، جەمئىيەتنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، ھاياتلىق تەربىيەسى، قانۇنىيەت تەربىيەسى، ھېسسىيات تەربىيەسى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

ئوخشاشلا بۇ يىل 3-ئايدا، جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ تەتىلگە قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىمۇ باشقا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىنى قىزارتتى.

جۇڭگو خەلق داشۆسى مەكتەپ ئىشخانىسى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلغان دەم ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشتا ئەتىيازلىق تەتىل ۋە ۋە ماي بايراملىق دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇنداق تەلەپ قىلىنغان: 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 4-ئاينىڭ 27-كۈنى (شەنبە) نورمال دەرس ئۆتۈلىدۇ، ئەسلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى (دۈشەنبە)گە ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەرس 4-ئاينىڭ 27-كۈنىگە تەڭشەلدى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ مەكتەپ 2004-يىلىدىن باشلاپ ئەتىيازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىش تۈزۈمىنى ئورناتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 15 يىل بولغان.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەكتەپنىڭ ئىلگىرى ئەتىيازلىق تەتىلنى تەسىس قىلىشىدىكى مەقسىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن چىقىپ، جەمئىيەتنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، جەمئىيەتنى ئەستايىدىل كۆزدىن كەچۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن ئىكەن.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئەتىيازلىق تەتىل» «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنى ئاساسىدا مۇقىم دەم ئېلىش بىرلىكى شەكىللىنىپ، دەم ئېلىش ۋاقتى بىلەن «1-ماي» دەم ئېلىش ۋاقتى ئايرىۋېتىلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلغان. مائارىپ تارماقلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن دەرس تەڭشەش ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ھەمدە دەرس ۋاقتىنى قىسقارتمايدۇ.

سىزمۇ بۇنداق تەتىلگە تەقەززامۇ؟

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有