\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تۇتۇلدى! 301 تېلېگراف ئالدامچىسى تۇتۇپ كېلىندى

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-08 14:28

11-ئاينىڭ 5-كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شەنشى ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 301 نەپەر تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقى قىلغان جىنايەت گۇماندارلىرىنى فىلىپپىندىن دۆلىتىمىزگە يالاپ ئېلىپ كەلگەن، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەرگە چېتىلغان «9.17» چېگرا ھالقىغان زور تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقى دېلوسى شۇنىڭ بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىنغان.

بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە فىلىپپىن پاراۋاڭ ئۆلكىسى مەلىكە پورتى شەھىرىدىكى سەككىز جىنايەت ئۇۋىسى بىراقلا بىتچىت قىلىنىپ، 300 دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق جىنايەت گۇماندارى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تۇتۇلغان، نەقمەيداندىن كومپىيۇتېر، يان تېلېفون، بانكا كارتىسى، ئالدامچىلىق ئورېگىنالى قاتارلىق زور تۈركۈمدىكى دېلو سادىر قىلىش قوراللىرى تۇتۇپ قېلىنغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما ئىنتايىن زور بولغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有