\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىسلەر فرانسىيەدىكى بۇ خىزمەتكە قاتنىشىدۇ

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-08 14:28

دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو-فرانسىيە ئىككى تەرەپ بېيجىڭدا، پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىنى رېمونت قىلىش توغرىسىدا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش مەزمۇنىدا ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىغان. جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىسلەر پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىنى رېمونت قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ.

پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى (سۈرەتنى دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى تەمىنلىگەن)

بۇ ھۆججەت بويىچە، جۇڭگو-فرانسىيە ئىككى تەرەپ، 2020-يىلىدىكى پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىنى قوغداپ رېمونت قىلىش ھەمكارلىقىنىڭ باش تېمىسى، شەكلى ۋە جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرىنى تاللاپ، فرانسىيە كوللىكتىپى بىلەن بىرلىكتە نەقمەيداننى رېمونت قىلىش خىزمىتىگە ئىمكانقەدەر بالدۇر ئەۋەتىش بېكىتىلگەن.

ھۆججەتتە يەنە، جۇڭگو-فرانسىيە ئىككى تەرەپنىڭ شەنشىدىكى چىن شىخۇاڭ قەبرىسىدىكى لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرىنى قوغداشنى قانات يايدۇرۇش تېخنىكىسى ۋە پەن-تېخنىكا جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش، شۇنداقلا تەربىيەلەش تۈرلىرى بېكىتىلگەن.

پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى (سۈرەتنى دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى تەمىنلىگەن)

دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈجاڭ مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت ئالاقىسى ئارقىلىق مەدەنىيەت ئارازلىقىدىن ھالقىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىدىن ھالقىش، مەدەنىيەتتىكى ئورتاق مەۋجۇتلۇق ئارقىلىق مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىدىن ھالقىش كېرەك». بۇ يىل تۆتىنچى ئايدا پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو-فرانسىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم خەت ئالاقىسى بولۇپ، ھەمكارلىق پىلانى مۇھاكىمە قىلىنغان.

پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى (سۈرەتنى دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى تەمىنلىگەن)

پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى فرانسىيە، ھەتتا ياۋروپانىڭ مەدەنىيەت سىمۋولىنىڭ بىرى، ئوت ئاپىتىدىن كېيىنكى رېمونت قىلىش خىزمىتىگە قارىتا فرانسىيە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن. چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقى لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى خەلقئارانىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنى قوغداش تەتقىقاتىمۇ خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى بىلەن چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقى لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، رېمونت قىلىش ۋە تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش، جۇڭگو-فرانسىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، دۇنيا دائىرىسى ئىچىدە ئاكتىپ ئۈلگە بولۇش ئۈنۈمى پەيدا قىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有