\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«قاناتلانغان ناخشا ساداسى» فىلىمى بېيجىڭدا تۇنجى قويۇلدى

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-08 14:29

 

 

ئابدۇكېرىم ئابلىز رېژىسسورلۇق قىلغان ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم «قاناتلانغان ناخشا ساداسى» يېقىندا بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مەملىكەت بويىچە تۇنجى قويۇلدى.

بۇ فىلىمنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ پىلانلىغان، تيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن.

بۇ فىلىم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا قىلىنغان سوۋغا سۈپىتىدە ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمدە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

 

بۇ فىلىمدا شىنجاڭدىكى ئۈچ ياش مۇزىكانتنىڭ مۇزىكا غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدىكى ئىزدىنىش ھېكايىسى بايان قىلىنغان. فىلىمدە ئۇلار تيانشان تېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنى كېزىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مول ئۇسسۇل-مۇزىكا بايلىقى ھەمدە قىزغىن تۇرمۇشىدىن ئىجادىيەت ئىلھامى ۋە خام ماتېرىيال ئېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ مۇزىكا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان تەسىرلىك ھېكايىلىرى تەسۋىرلەنگەن.

بۇ فىلىمگە تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسىدىن ئابدۇكېرىم ئابلىز رېژىسسورلۇق قىلغان، شيا ۋاڭ، جاڭ يىڭبىڭ، ئۈمىد، جياڭ يىخاۋ  قاتارلىقلار فىلىمدا باش رول ئالغان.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر فىلىم پات ئارىدا مەملىكەت بويىچە كىنوخانىلاردا قويۇلىدىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有