ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئائىلە زوراۋانلىقى قىلغان ئەر قولغا ئېلىندى

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-30 10:23

11-ئاينىڭ 25-كۈنى مىكرو بلوگ نامى «宇芽YUYAMIKA» (خې XX، ئايال، 28 ياش) توردا ئىنكاس قىلغان ئالدىنقى ئوغۇل دوستى چېن X (ئەر، 44 ياش)نىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، ئالاقىدار ئورۇنلار دەرھال تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

«宇芽YUYAMIKA»نىڭ ئۆزىنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچراش ئەھۋالىنى بايان قىلغان مىكرو بلوگ كەسمە كۆرۈنۈشى

چۇڭچىڭ جياڭبېي رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، چېن X 2019-يىلى 4-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، خې XX كە كۆپ قېتىم ئائىلە زوراۋانلىقى ئىشلىتىپ ئۇنى سۆرىگەن، ئىتتىرگەن، ئۇرغان (خې XX نىڭ زەخمىنىلىش دەرىجىسى يىنىك زەخمە ياكى يىنىك زەخمىدىن يۇقىرى دەرىجىگە يەتمىگەن). تەكشۈرۈشتە ئېنىقلىنىشىچە، چېن X يەنە ئۈندىدار ئارقىلىق باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان. چېن X نىڭ يۇقىرىقى ئىككى قانۇنسىز قىلمىشىغا قارىتا، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى «ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»غا ئاساسەن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەمۇرى جازا بەرگەن، ئىككى مەمۇرى جازا قوشۇلۇپ، مەمۇرى جەھەتتە 20 كۈن توختىتىپ قويغان، ھەمدە جەرىمانە قويغان.

«宇芽YUYAMIKA»نىڭ زوراۋانلىققا ئۇچراش سىن ھۆججىتى كەسمىسى

خې XX ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن، 11-ئاينىڭ 27-كۈنى جياڭبېي رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشكە ئىلتىماس قىلغان.

نۆۋەتتە، مەزكۇر سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى ۋە بېكىتىلگەن پاكىتلارغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە خې XX نىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有