ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دىققەت! بۇ جايدا تويلۇقنىڭ يۇقىرى چېكى بېكىتىلدى

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-30 15:15

يېقىندا سەنشى ئۆلكىسى چاڭجى شەھەرلىك پارتكوم، چاڭجى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى «يېزىلاردىكى ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەر قايسى ناھىيە (رايون)لارنىڭ توي زىياپىتى، ئۆلۈم، تويلۇق قاتارلىقلارغا قارىتا يۇقىرى چەك ئۆلچىمى بېكىتسە ۋە باشقا كونكرېت قائىدە-يوسۇنلارنى قېلىپلاشتۇرسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېكىتىلگەن ئۆلچەمدە تويلۇقنىڭ يۇقىرى چەك سوممىسى 50 مىڭ يۇەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ توي ۋە ئۆلۈم ئىشلىرىغا قويغان پۇل سوممىسى 200 يۈەندىن، باشقىلارنىڭ قويغان پۇل سوممىسى 100 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئۆلۈم ئىشلىرىنىڭ مۇددىتى ئادەتتە ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى.

«پىكىر»دە ھەر قايسى ناھىيە (رايون)لارنىڭ كەنت ئەھدىنامىسى ۋە توي، ئۆلۈم كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ ئۈلگىسىنى كېڭەيتىش شەكلى ئارقىلىق، مەدەنىي، تېجەشلىك بولۇش، ئاممىنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش، قانۇن-نىزام ۋە ياخشى ئادەتكە زىت قىلمىشلارنى قىلماسلىق پىرىنسىپى بويىچە كونكرېت قائىدىلەرنى چىقارسا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن، شۇنداقلا كەنتلەرنىڭ ئىش بېجىرىش سورۇنى، ئىش بېجىرىش ئۆلچىمىنى بىردەكلىككە كەلتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ زىياپەت مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، مۇلازىمەت تۈرى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە مۇلازىمەت ۋەدىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بەسلىشىپ ئىسراپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ئېلھام بېرىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىر مەزگىلدىن بۇيان گەرچە نۇرغۇن جايلاردا «ئەڭ قاتتىق» كەنت بەلگىلىمىسى ئارقا-ئارقىدىن قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان بولسىمۇ، قىممەت باھالىق تويلۇق، ھەشەمەتلىك ئۆلۈم مۇراسىمى، رەڭگارەڭ ئادەمگەرچىلىك پۇلى قاتارلىق مەسىلىلەر يېزىلاردا يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، مەزكۇر «پىكىر» قىممەت باھالىق تويلۇق، ھەشەمەتلىك ئۆلۈم مۇراسىمى، ئىسراپخورلۇق، بەسخورلۇق قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، كەڭ ئاممىنى چېكىدىن ئاشقان ئادەمگەرچىلىك يۈكىدىن ئازاد قىلىپ، توي ۋە ئۆلۈم چىقىمى سەۋەبلىك نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، مەدەنىي يېزا بەرپا قىلىپ، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ ئوتتۇرغا قويۇلغان.

چاڭجى شەھىرى توي ئىشىنى يېڭىدىن بېجىرىش، ئۆلۈم ئىشلىرىنى قىسقىچە بېجىرىش، ئارتۇقچە ئىشلارنى بېجىرمەسلىكنى يولغا قويدى.

توي ئىشىنى يېڭىدىن بېجىرىشتە تويلۇقتا ئاپتوموبىل، ئۆي ئالماسلىق، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى ئۆزى بەرپا قىلىش، يېڭىچە تويلىشىش قارىشىنى تۇرغۇزۇش تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، تويلۇقنى ياشانغانلارغا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئېلىپ بېرىش ياكى بانكا بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ياشانغانلارغا كۈتۈنۈش، ساغلاملىق ئامانىتى تاپشۇرۇپ بېرىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىش، توي كۆچۈرگۈچىلەر ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ئەترىتىنى ياللاپ ئىشلىتىشكە قارشى تۇرۇش، ئاپتوبۇس، مىنبۇس، ۋېلىسىپىت قاتارلىق يېشىل توي قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىش؛ يامان غەرەزدە جېدەل-ماجىرا قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇش، كوللېكتىپ توي مۇراسىمى، جامائەت پاراۋانلىقى توي مۇراسىمى قاتارلىق توي مۇراسىمىنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلغان.

«سەھرادىكى مۇھەببەتنى»نى ئاسانلاشتۇرۇش ھەقىقەتەن تەسمۇ؟ «يۇقىرى باھالىق تويلۇق» بېرىشتىن «مۇھەببەتنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىش» كىچە، پەقەتلا بىر يۈز- ئابروي مەسىلىسى. ئۇزۇندىن بۇيان، يىگىت تەرەپنىڭ قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قۇدىلىشىشتا، تويلۇق ئېلىپ بېرىش بىر ئادەت بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى تەرەپ بىللە ئولتۇرۇپ توي-تۆكۈن توغرىسىدا پاراڭلىشىشتا، تويلۇق يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم ئىش بولماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلانغان «يۇقىرى باھالىق تويلۇق» تىلغا ئېلىنغاندا، بەزىلەر «قىز بالا بېقىش بانكا ئاچقانغا ئوخشايدۇ، ئوغۇل بېقىش ئاچارچىلىقتا قالغانغا ئوخشايدۇ»، دېيىشتى.

تويلۇق سەۋەبلىك، بەزى «سەھرادىكى مۇھەببەتلەر» ئانچە گۈزەل بولماي قالماقتا. بۇ سەۋەبلىك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جايلار، تارماقلار ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك تەشەببۇس قىلىپ، تەشۋىق-تەربىيە، تويلۇق سوممىغا چەك قويۇش بەلگىلىمىسى قاتارلىق بىر قاتار چارىلەر ئارقىلىق، دېھقان ئاممىسىنى «مۇھەببەتنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىش»كە يېتەكلىدى. مۇخبىر تەكشۈرۈش جەريانىدا، تويلۇق مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەرنىڭ تونۇشى، روھىي ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

ئۆلۈم ئىشلىرىنى قىسقا بىجىرىشتە ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇشقا، چاكىنا ئويۇن قويۇش، پوجاڭزا ئېتىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇپ، كەنت ئۇيۇشتۇرغان ئۆلۈم ئۇزىتىش مۇراسىنى ئەنئەنىۋى ئەندىزىسىنىڭ ئورنىغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان.

ئارتۇقچە ئىشلارنى بىجىرمەسلىكتە تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش، ئۆرلەپ ئوقۇش، ھەربىي سەپكە كىرىش، ئۆي سېلىش، دۇكان تىجارەت باشلاش، خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش قاتارلىق ئىشلاردا، مېھمان چاقىرىشقا قارشى تۇرۇش، ئەگەر مۇراسىم ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلسە، ئائىلە ئەزالىرى ياكى بىۋاستە تۇغقانلىرىنىڭ دائىرىسى بىلەنلا چەكلىنىشى ھەمدە سوۋغات قوبۇل قىلىشقا قارشى تۇرۇشى كۆزدە تۇتۇلغان.

چاڭجى شەھىرى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. 2011-يىلىدىن ھازىرغىچە، بۇ شەھەر ئۇدا ئۈچ قېتىم «مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دىققەت! بۇ جايدا تويلۇقنىڭ يۇقىرى چېكى بېكىتىلدى

يېقىندا سەنشى ئۆلكىسى چاڭجى شەھەرلىك پارتكوم، چاڭجى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى «يېزىلاردىكى ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەر قايسى ناھىيە (رايون)لارنىڭ توي زىياپىتى، ئۆلۈم، تويلۇق قاتارلىقلارغا قارىتا يۇقىرى چەك ئۆلچىمى بېكىتسە ۋە باشقا كونكرېت قائىدە-يوسۇنلارنى قېلىپلاشتۇرسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.