ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ 100 مىليارد يۈەنلىك تولۇقلىمىدىن سىز بەھرىلىنەمدىكەنسىز؟

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-30 15:17

بىلەمسىز؟ دۆلەت مەخسۇس ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى قالدۇقىدىن 100 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، ئۈچ يىلدا كەسپىي ماھارەت بويىچە 50 مىليون ئادەم قېتىم تەربىيەلىدى. بۇ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشتىكى 315 قۇرۇلۇشى.

كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىدە كىم تەربىيەلىنىدۇ؟ قانداق تەربىيەلەيدۇ؟ قانداق تولۇقلىما بېرىلىدۇ؟ بىرلىكتە قاراپ باقايلى: 

كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى تەربىيەلىنىشكە قاتناشسا قانداق تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ؟

 دۆلەت كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ھەمدە تولۇقلىما بېرىدۇ. ئەگەر سىز ئەمدىلا خىزمەتكە كىرگەن بولسىڭىز، كارخانا سىزنى كارخانىنىڭ يېڭى تىپتىكى شاگىرتلىق تۈزۈمى بويىچە تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىشقا ئەۋەتىدۇ، ھۆكۈمەت كارخانىدىكى ھەربىر ئادەمگە ھەر يىلى 4000 يۈەندىن يۇقىرى كەسپىي تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى بېرىدۇ، بۇ پۇلنى كارخانا ئۆز ئالدىغا شاگىرتلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە ئىشلىتىدۇ؛ ئەگەر سىز ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلەش، بىخەتەرلىك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش، خىزمەت ئورنى، كەسىپ ئالماشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش ياكى دەسلەپكى دەرىجىلىك ئىشچى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىشچى، ئالىي دەرىجىلىك ئىشچى، تېخنىك، ئالىي تېخنىك تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشسىڭىز، شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە، بەلگىلىمە بويىچە كەسپىي تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى ياكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىسىز؛ ئەگەر سىز خىزمىتىڭىزنى ئالماشتۇرغان بولسىڭىز، دۆلەت ھەقسىز ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇرغان بولۇپ، ھەر قايسى جايلار ئۇيۇشتۇرغان تولۇقلىما خاراكتېرلىك تەربىيەلەشكە قاتناشسىڭىز بولىدۇ. 

شەھەر-يېزىلاردىكى داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تولۇقلىما بېرىلىدىغان قايسى تەربىيەلەشكە قاتناشسا بولىدۇ؟ 

شەھەر-يېزىلاردىكى داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئەمگەك تەييارلىقى بويىچە تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشسا بولىدۇ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك كۇرسقا قاتناشسىمۇ ياكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى، كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. شەھەر-يېزىلاردىكى داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىكى يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ياكى شەھەرلەردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيەلەش مەزگىلىدە يەنە تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ. تەپسىلىي ئەھۋالنى شۇ جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى نۇقتىلىق كىشىلەر قايسى كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ قانداق تۈردىكى تولۇقلىما بىلەن تەربىيەلىنىدۇ؟ 

كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى نۇقتىلىق توپقا قارىتا كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرىدۇ. بىرىنچى، يېزىلارغا يۈزلىنىپ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەر، بولۇپمۇ يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەر، شەھەر-يېزىلاردىكى داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلار، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىزلار، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارغا (مېيىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قارىتا مەخسۇس تەربىيەلەشنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، كەسپىي ماھارەت ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ. ئىككىنچى، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بارلارغا قارىتا ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش تۈرىنى ئېچىش، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى، كېيىنكى يۆلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئەمەلىي ئىختىساسلىقلار باشلامچىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش پىلانى يولغا قويۇلۇپ، كەسپىي دېھقانلار ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىدۇ.

نامرات ئەمگەكچىلەر ۋە نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى تەربىيەلەشكە قاتناشسا قانداق تولۇقلىمىغا ئېرىشىدۇ؟ 

كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىدە نامرات ئەمگەك كۈچلىرى ۋە نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرىگە قارىتا ماھارەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى سالمىقىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى. بىرىنچىدىن، نامرات رايونلار بولۇپمۇ ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشكەن ھالدا، تۈر تۈزۈمى، قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ھەقسىز كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش ھەمدە تەربىيەلەش مەزگىلىدە بەلگىلىمە بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىما مەبلىغى ئارقىلىق تۇرمۇش خىراجىتى تولۇقلىمىسى بېرىپ، تەربىيەلەشكە قاتناشقان نامرات خادىملارنىڭ نامرات ئەمگەك كۈچلىرىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىق رامكىسىدىكى كەسپىي مائارىپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ياردەم بېرىش ۋە نامرات كەنتلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، بېيىش باشلامچىلىرىنى تەربىيەلەشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تېخنىكا ماھارىتى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مىڭ مەكتەپ ھەرىكىتى ۋە ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ماھارەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىنى قوبۇل قىلغان نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا بەلگىلىمە بويىچە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش ۋە ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ پەرزەنتلىرى تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىنى قوبۇل قىلغان نامرات ئائىلىلەرگە سىياسەت بويىچە تولۇقلىما بېرىش كېرەك. 

نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە ئوقۇغاندا، ھەقسىز تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىنى قانداق قوبۇل قىلىدۇ؟ 

ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ھەر يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تېخنىكا ماھارىتى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مىڭ مەكتەپ ھەرىكىتى نۇقتىلىق مەكتەپلىرى ۋە نۇقتىلىق كەسىپلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللاپ ئوقۇشىغا سۇنىدۇ. ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت ئاساسىي قاتلام خىزمىتى سۇپىسى، ئاساسىي قاتلام نامراتلارنى يۆلەش ئاپپاراتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قاتارلىقلار ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشىپ، ئوقۇش مۇددىئاسىنى بېكىتكەندىن كېيىن، مەكتەپ ئورگان تور بېكىتىگە چىقىپ «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى» دىكى تەلەپكە ئاساسەن، ئوقۇشقا كىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەگەر تۇرۇشلۇق رايوندا مۇۋاپىق مەكتەپ بولمىسا، رايون ئاتلاپ ئوقۇيدىغان مەكتەپنى تاللىسىمۇ بولىدۇ، تۈرلۈك ياردەم بېرىش سىياسەتلىرى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. 

ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا قانداق قوللاش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ؟ 

ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا تۆۋەندىكىدەك قوللاش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ: بىرىنچى، ھەر قايسى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يېشىل يولى ئېچىپ، ئالدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، كەسىپنى ئالدىن تاللاش، ئوقۇش پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى قاتارلىق ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى ئالدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىراكتىكىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىن تەۋسىيە قىلىدۇ. ئىككىنچى، تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىنى قوبۇل قىلغان نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن ھەمدە شۇ جاي بېكىتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارچە خىراجىتى، كىتاب پۇلىنى ئازايتىش، كەچۈرۈم قىلىش ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۈچىنچى، پەرزەنتلىرى تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىنى قوبۇل قىلغان يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە «گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ شەبنەم پىلانىنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى نامرات ئائىلىلەردىكى يېڭىدىن ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كەسپىي مائارىپنى قوبۇل قىلىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكرى»دىكى تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 3000 يۈەن ئەتراپىدىكى ئۆلچەم بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. تۆتىنچى، مەركەز بېكىتكەن شەرقىي، غەربىي رايونلار نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ئۆلكىلەر ياردەم بېرىلىدىغان ئۆلكە شەھەرلەردىكى نامرات ئائىلىلەردىكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىشكە ئىلھام بېرىدۇ. بەشىنچى، كەسپىي ماھارەتنى باھالاش تولۇقلىمىسى سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئوقۇغۇچىلار ھەقسىز باھالىنىدۇ، ھەقسىز كىنىشكا تارقىتىلىدۇ. 

نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنى قانداق ئىلتىماس قىلىدۇ ۋە ئالىدۇ؟ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ تارقىتىلىش ئۆلچىمى قانچە؟ قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ؟ 

دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پۇلىنى ئوقۇش مەۋسۇمى بويىچە ئىلتىماس قىلىدۇ ۋە باھالاپ بېكىتىلىدۇ، ئاي بويىچە تارقىتىلىدۇ، كونكرېت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن كىملىكىنى بېجىرىپ بولۇش. ئىككىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلار «ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتىش ئىلتىماس جەدۋىلى» نى تولدۇرۇپ، يېڭى ئوقۇش باشلانغان بىر ھەپتە ئىچىدە ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە تاپشۇرىدۇ ھەمدە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلىقىغا ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرىدۇ. ئۈچىنچى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە دەسلەپكى تەكشۈرۈشنى تەشكىللەيدۇ. تۆتىنچى، ئالاقىدار تارماقلار تەستىقلايدۇ ھەمدە ياردەم بېرىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى مەكتەپ ئىچىدە بەش خىزمەت كۈنىدىن ئاز بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ. بەشىنچى، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى ياكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش كارتىسى بېجىرىپ بېرىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ئوقۇش ياردەم پۇلىنى بىۋاسىتە ياردەم كارتىسىغا يوللايدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ كىملىكى، ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك بانكىلاردا ياردەم بېرىش كارتىسىنى قوزغىتىپ، ئاندىن پۇل ئالسا بولىدۇ. كارتا تارقاتقان بانكا ئوقۇغۇچىلاردىن كارتا ھەققى ياكى رەنە پۇلى ئالماسلىقى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلار بەھرىمەن بولىدىغان دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن تۇتۇۋالماسلىقى كېرەك. دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئوتتۇرىچە ياردەم ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 2000 يۈەن بولۇپ، كونكرېت ئۆلچىمىنى جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، 1000-3000 يۈەن دائىرە ئىچىدە بېكىتىدۇ. دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش كارتىسى ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ. 

تەربىيەلەشكە قاتناشقان قايسى خادىملار تەربىيەلەش مەزگىلىدە تۇرمۇش خىراجىتى تولۇقلىمىسى ئالالايدۇ؟

نامرات ئەمگەك كۈچلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىدىكى ئەزالار، شەھەر-يېزىلاردىكى داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە شەھەرلەردىكى تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار تەربىيەلەش مەزگىلىدە بەلگىلىمە بويىچە تۇرمۇش خىراجىتى تولۇقلىمىسى ئالالايدۇ. 

قايسى كىشىلەر يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەلەش پىلانىغا قاتناشسا بولىدۇ؟ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشنىڭ نۇقتىلىق مەزمۇنى نېمە؟ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشسىلا ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلسا، ئالسا بولامدۇ؟ 

دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش پىلانىغا قاتناشسا بولىدۇ، تەپسىلاتىنى شۇ جايدىكى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە مەسئۇل تارماقلاردىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەتچىلىكى ۋە تۇرمۇش خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەتچىلىكى بويىچە ئىگىلىك تىكلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىدۇ، ئىگىلىك تىكلەش تەلىپى ۋە تەربىيەلىنىش ئارزۇسى بار، بەلگىلىك ئىگىلىك تىكلەش شەرتىنى ھازىرلىغانلارغا ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى، يېزا ساياھىتى، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ئېڭى تەربىيەسى، ئىگىلىك تىكلەش تۈرىگە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق تەربىيەلەشنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان خادىملارنى رايون كەسپىي بازارلىرىنىڭ كارخانا تەرەققىياتىغا بولغان ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشى قاتارلىق تەربىيەلەشلەرنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە قارىتا تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ ئىگىلىك تەشكىللەش شەكلى، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتتىكى تەربىيەلەشنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ. يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىپ، تەربىيەلەشتە لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ئالغانلار، شەرتكە توشىدىغانلىرى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش تولۇقلىمىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالسا بولىدۇ، كونكرېت سىياسەتلەر توغرىسىدا شۇ جايدىكى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش مەسئۇل تارمىقىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. 

ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تۈزۈمىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى نېمە؟ 

ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تۈزۈمىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، تەربىيەلەش ئوبيېكتى بارلىق ئەمگەكچىلەرنى قاپلىغان بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى، تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى ئەمگەكچىلەرنىڭ پۈتكۈل كەسپىي ھاياتىنى قاپلىغان بولۇپ، ئەمگەك تەييارلىقى باشلانغاندىن تارتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكىچە كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتى بار. ئۈچىنچى، ماھارەت باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش پائالىيىتى ئەمگەكچىلەرنى تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلۈپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى كۆپ مەنبەلىك باھالاش مېخانىزمى بەرپا قىلىش، ماھارەتنى ئۆستۈرۈش، كۆپ خىل يول ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، باھالاش، ئىشلىتىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلىدۇ. تۆتىنچىدىن، ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىۋى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى، كەسپىي مەكتەپلەر، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ۋە كەسپىي كارخانىلارنى ئاساسىي ۋاسىتە قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك، مەبلەغ سېلىنمىسى قاتارلىق تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ تەربىيەلەش ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ 100 مىليارد يۈەنلىك تولۇقلىمىدىن سىز بەھرىلىنەمدىكەنسىز؟

بىلەمسىز؟ دۆلەت مەخسۇس ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى قالدۇقىدىن 100 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، ئۈچ يىلدا كەسپىي ماھارەت بويىچە 50 مىليون ئادەم قېتىم تەربىيەلىدى. بۇ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشتىكى 315 قۇرۇلۇشى