ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ناپالېئوننىڭ ئۆتۈكى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 14:01

 

ناپولېئون ساينىت خېلېنا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغاندا، ئۇنىڭ پۇتىدا دەل مۇشۇ ئۆتۈك بار ئىدى. 

 

ڧىرانسىيەدىكى پارىژ دروئۇ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنى ئۆتكۈزگەن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا ناپولېئون بوناپارتنىڭ ئۆتۈكى 117 مىڭ ياۋرو (تەخمىنەن 128 مىڭ 800 ئامېرىكا دوللىرى)غا سېتىلغان. 

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ڧىرانسىيە پارىژ دروئۇ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنى تۋىتتېردا يازما ئېلان قىلىپ، پارىژدىكى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا ناپالېئوننىڭ ئۆتۈكىنىڭ 117 مىڭ ياۋروغا سېتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، دروئۇ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن :« ناپالېئوننىڭ ئۆتۈكى 117 مىڭ 208 ياۋروغا سېتىلدى، ڧىرانسىيە 1-ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىخلاسمەنلىرى ھېلىھەم بۇرۇنقىغا ئوخشاش كۆپ ئىكەن».

ناپالېئوننىڭ ئۆتۈكى، سۈرەت مەنبەسى: دروئۇ كىم ئارتۇق  قىلىپ سېتىش ئورنى

 

دروئۇ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنىنىڭ تور بېكىتىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ناپولېئون ساينىت خېلېنا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغاندا پۇتىدا دەل مۇشۇ ئۆتۈك بار ئىكەن. كېيىن ناپولېئون قول ئاستىدىكى گراڧ ھېنرى گاتىئېن بېتراند بۇ ئۆتۈكنى ئىتالىيەلىكنىڭ پۇشتىدىن بولغان ڧىرانسىيەلىك ھەيكەلتىراش بارون كارلو ماروچېتتىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ناپالېئوننىڭ ئات مىنىپ تۇرغان ھەيكىلىنى ئويغاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان. 

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئۆتۈكنىڭ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشنى باشلاش باھاسى تەخمىنەن 50 مىڭ ياۋرودىن 80 مىڭ ياۋروغىچە بولغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2018-يىلى، ناپولېئون كىيگەن قوش ئۇچلۇق قالپاق ڧىرانسىيە دېباك كىم ئارتۇق قىلىش سېتىش ئورنىدا 350 مىڭ ياۋروغا سېتىلغان. 2014-يىلى ڧىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ناپولېئون باش تېمىسىدىكى بىر قېتىملىق كىم ئارتۇق قىلىش سېتىش يىغىنىدا كورېيەلىك بىر يىغىپ ساقلىغۇچى 1 مىليون 800 مىڭ ياۋروغا ناپالېئوننىڭ ئوخشاش پاسوندىكى قالپىقىنى سېتىۋالغان، بۇنى ساتقۇچى موناكو خان ئوردىسىدىن كەلگەنىكەن. 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ناپالېئوننىڭ ئۆتۈكى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدى

ڧىرانسىيەدىكى پارىژ دروئۇ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنى ئۆتكۈزگەن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا ناپولېئون بوناپارتنىڭ ئۆتۈكى