ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە چەك قويىدىكەن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 14:02

 

«ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مەدەنىيىتى» ئۇزاقتىن بۇيان ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەنىدى. 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە ئوساكا شەھىرىنىڭ باشلىقى جىسۇن ياڭۋېن ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، كېلەر يىلىدىن باشلاپ، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 يېرىمدە خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي خىزمەتكە ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرى مەجبۇرى ئۆچۈرۈلىدۇ، دەپ جاكارلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئوساكا شەھىرى ياپونىيە بويىچە بۇ تۈزۈمنى بىرىنچى بولۇپ كىرگۈزگەن شەھەر بولۇپ قالغان.

 

 

 

△视频来源:北京时间

 

ياپونىيەدە مەمۇرلارنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىشىگە چەك قويۇلىدىكەن، چۈشتىن كېيىن سائەت 6 يېرىمدە كومپيۇتېرلار ئاپتوماتىك ئۆچۈرۈلىدىكەن

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئوساكا مەھكىمىسى 2020-يىلى مەجبۇرىي ئۆچۈرۈش سىستېمىسىنى رەسمىي كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىشىنى ئازايتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىكەن.

كېلەر يىلى كىرگۈزۈش پىلانلىغان بۇ سىستېمىدا، سائەت 16دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ، ھەر 30 مىنۇت ئۆتكەندە كومپيۇتېر ئېكرانىدا «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىمەكچى بولسىڭىز ئىلتىماس سۇنۇڭ» دېگەن ئەسكەرتىش ئاپتوماتىك كۆرۈنىدىكەن. خادىملار ئىلتىماس سۇنمىغان ئەھۋالدا كومپيۇتېرنى داۋاملىق ئىشلىتىۋەرسە، 18دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ، ھەر 1 مىنۇتتا بىر قېتىم «خىزمىتىڭىزنى تېزلىكتە ئاخىرلاشتۇرۇڭ ھەمدە كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈڭ» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش كۆرۈنىدىكەن، 18دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە كومپيۇتېر ئاپتوماتىك ئۆچۈرۈلىدىكەن.

بۇ تۈزۈمنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ساقچى تارماقلىرى، شەھەر باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەردىن سىرت، يەنە مۇئاۋىن باشقارما باشلىقلىقىدىن تۆۋەن خىزمەتچىلەر بولۇپ تەخمىنەن 7600 ئادەمگە چېتىلىدىكەن. تەبىئىي ئاپەت دېگەندەك تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە، مەجبۇرىي ئۆچۈرۈش ئىقتىدارىنى توختىتىۋەتكىلى بولىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئوساكا مەھكىمىسىدىكى خادىملارنىڭ يىللىق ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتى تەخمىنەن 1 مىليون سائەتكە بارىدىكەن. ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە بېرىلىدىغان ئومۇمىي سومما 3 مىليارد ياپونىيە يىنىغا (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 200 مىليون يۈەنگە) يېتىدىكەن. يېڭى سىستېمىنىڭ خامچوتى تەخمىنەن 50 مىليون ياپونىيە يىنى (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 3 مىليون 220 يۈەنگە) يېتىدىكەن.

 

تورداشلار: ئەجەبا ئۇلار ئىسمېنا قوشۇش ئىشلىگەنگە پۇل بېرەلمەمدىكەن؟

ياپونىيە ئوساكا شەھىرى مەمۇرلارنى مەجبۇرىي خىزمەتتىن چۈشۈرۈدىكەن، دېگەن بۇ خەۋەر ناھايىتى تېزلا مىكرو بىلوگدىكى قىزىق تېمىغا ئايلىنىپ، تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇلاھىزىسىنى قوزغىدى. ئاز بولمىغان تورداشلار قىزىقچىلىق قىلىپ، شىركەتتىكى خوجايىنلىرىمىزمۇ بۇ خەۋەرنى كۆرسە بوپتىكەن، دېيىشتى.

-خوجايىن مىكرو بىلوگ ئاچتىمۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن، شۇ تاپتا ئۇنىڭ بۇ خەۋەرنى بىر كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىۋاتىمەن.

-قانداق قىلسام خوجايىنغا بۇ مەزمۇننى كۆرسىتەلەيمەن، ئامالىنى دەپ بېرىڭلارچۇ، توردىن چۈشمەي ساقلايمەن، جىددىي جىددىي

يەنە بەزى تورداشلار گۇمانىي قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى ئىشخانىدا قىلماي، ئۆيىگە قايتىپ قىلسىچۇ؟ دېيىشتى.

ئالتە يېرىمدە ئاپتوماتىك ئۆچۈرۈۋېتىدىكەن. ۋاقىت توشۇپ لېكىن خىزمەت تۈگىمىسە، ئۆيگە قايتىپ يەنە داۋاملىق ئىشلىمەي بولامتى.

يەنە بەزى تورداشلار مۇنداق بىلدۈرۈشتى: مېنى بايقىمىدى دەپ قالماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنگە پۇل بەرگۈسى كەلمەپتۇ.

 

-ياپونىيە كۆڭلىدە، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئېسىلىۋالماڭ، بەرگىلى پۇلىمىز يوق، دەپتۇ-دە.

-قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنگە پۇل بەرگۈسى يوقكەن.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە چەك قويىدىكەن

«ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مەدەنىيىتى» ئۇزاقتىن بۇيان ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەنىدى. 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە ئوساكا شەھىرىنىڭ باشلىقى جىسۇن ياڭۋېن ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، كېلەر يىلىدىن باشلاپ