ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يەتتە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئايال قاچقۇن تۇتۇلدى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 14:05

11-ئاينىڭ 28-كۈنى شيامېن ساقچى تەرەپ يەتتە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، قېچىپ يۈرگىنىگە 20 يىل بولغان ئايال قاچقۇننى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى!

 

 

 

مۇخبىرنىڭ نەنچاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر نەنچاڭ ساقچىلىرى شيامېنغا بېرىپ، ئايال قاچقۇن لاۋ رۇڭجىنى نەنچاڭغا يالاپ ئېلىپ كەتكەن، بۇ چاغدا لاۋ رۇڭجىنىڭ قېچىپ يۈرگىنىگە توپتوغرا 20يىل بولغان.

 

 

لاۋ رۇڭجى بىلەن ئوغۇل دوستى فازىيىڭ  (1999-يىل 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن) 1996-يىلىدىن باشلاپ، نەنچاڭ، گۇاڭجۇ، ۋېنجۇ، نەننىڭ، خېفېي قاتارلىق جايلار ئەتراپىدا قېچىپ يۈرۈپ، جەمئىي يەتتە ئادەمنى ئۆلتۈرگەن.  بۇنىڭ ئىچىدە فازىيىڭ (1964-يىلى تۇغۇلغان، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جيۇجياڭ شەھىرىدىن) ، 1981-يىلى بۇلاڭچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.  

1996-يىلىدىن باشلاپ، فازىيىڭ قىز دوستى لاۋرۇڭجى(ئايال، 1974- يىلى تۇغۇلغان، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جيۇجياڭ شەھىرىدىن) بىلەن نەنچاڭ، گۇاڭجۇ، ۋېنجۇ، نەننىڭ، چاڭجۇ قاتارلىق جايلاردا جىنايەت ئۆتكۈزگەن.  لاۋ رۇڭجى قارىماققا ئائىلىسى دۆلەتمەن ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئۇنى ئالداپ ئىجارىگە ئالغان ئۆيگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، تاپانچا، پىچاق كۆتۈرۈپ تۇتقۇن قىلىش، قاقتى-سوقتى قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن مال-مۈلۈكنى بۇلاپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەتتە ئادەمنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەن.

فازىيىڭنىڭ ئەينى يىلىدىكى ئىقرارىغا ئاساسلانغاندا، 1996- يىلى ئۇ لاۋ رۇڭجى بىلەن نەنچاڭدا ئۈچ ئادەم (بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان) نى ئۆلتۈرگەن، كېيىن يەنە ۋېنجۇدا ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرگەن.  خېفېيدا تۇتقۇن قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويغاندا، ساقچىلار فازىيىڭنى قولغا چۈشۈرگەن، بۇ جەرياندا فازىيىڭ جاھىللىق بىلەن قورال كۆتۈرۈپ قارشىلىق كۆرسەتكەن، ئوڭ پۇتى ئېتىپ سۇندۇرۇلغاندىن كېيىن قولغا چۈشكەن، ئەمما لاۋ رۇڭجى جىنايىتىدىن قورقۇپ قېچىپ كەتكەن، ساقچىلار ئارقىدىن ئۇلار ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆيدىن ئىككى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى بايقىغان.  

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يەتتە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئايال قاچقۇن تۇتۇلدى!

-ئاينىڭ 28-كۈنى شيامېن ساقچى تەرەپ يەتتە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، قېچىپ يۈرگىنىگە 20 يىل بولغان ئايال قاچقۇننى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى!