ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ترامپنىڭ ئىرانغا قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى چەكلەندى

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-11 17:48

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قارار ماقۇللاپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ ئىرانغا قورال ئىشلىتىش ھوقۇقىنى چەكلىدى

 

شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە، ئامېرىكا پارلامېنىتى ئاۋام پالاتاسى 224 ئاۋاز قوللاش، 194 ئاۋاز قارشى تۇرۇش، 13 ئاۋاز ۋاز كېچىشتەك ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى بىلەن «ئۇرۇش ھوقۇقى قارار لايىھەسى»نى ماقۇللىدى. بۇ قارار لايىھەسى زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىن سىرت، يەنە 1973-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئۇرۇش ھوقۇقى قانۇنى» بۇ قېتىملىق «ئۇرۇش ھوقۇقى قارار لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا ۋىيېتنام ئۇرۇشى پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ قالغان بولۇپ، ئارمىيە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ، ھەربىي چىقىممۇ ئىنتايىن زور بولۇپ، ئاممىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان. پارلامېنىت «زۇڭتۇڭ ئۇرۇش ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان، چوقۇم ئۇنى چەكلەش كېرەك» دەپ قارىغان.

بۇ قېتىم «ئۇرۇش ھوقۇقى قارار لايىھەسى» ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغاندىن كېيىن، كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇش ئۈچۈن تاپشۇرۇلىدۇ. لېكىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى سانى كۆپ، شۇنداقلا ئاساسىي جەھەتتىن ترامپنىڭ ئىرانغا بارلىق ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشىنى قوللايدىغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر قارار لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىش ئېھتىماللىقى نۆل دېيەرلىك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ترامپنىڭ ئىرانغا قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى چەكلەندى

شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە، ئامېرىكا پارلامېنىتى ئاۋام پالاتاسى 224 ئاۋاز قوللاش، 194 ئاۋاز قارشى تۇرۇش، 13 ئاۋاز ۋاز كېچىشتەك ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى بىلەن «ئۇرۇش ھوقۇقى قارار لايىھەسى»نى ماقۇللىدى. بۇ قارار لايىھەسى زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان