ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۈندىداردا مۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-11 17:49

ئۈندىداردا قانچىلىك يېقىن دوستىڭىز بار؟ 5000 ئادەم يېتەمدۇ؟

بۈگۈن، 2020-يىللىق ئۈندىدار ئوچۇق دەرسى Pro دا، جاڭ شياۋلۇڭ كۆپچىلىك بىلەن «سىنلىق كۆرۈشۈپ»، مۇنداق دېدى: «ئۈندىداردا يېقىن دوست سان چەكلىمىسى 5000 دىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن!».

«ئىلگىرى بىز بىر ئادەمنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 5000 يېقىن دوستى بولسا بولىدۇ دەپ چەك قويغان، ھازىر تەخمىنەن بىر مىليون ئادەمنىڭ يېقىن دوست سانى 5000 غا يېقىنلاشتى، بۇ گەرچە ھەقىقىي مەنىدىكى يېقىن دوست ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ يېقىن دوست سانىنى كۆپەيتىشىمىزگە سەۋەب بولالايدۇ».

مەن دەرھال ئۆزۈمنىڭ ئالاقە خاتىرىسىنى ئاختۇرۇپ، 615 ئالاقىلاشقۇچىغا قاراپ چوڭقۇر ئويغا چۆكتۈم. «بۇنچە كۆپ ئادەمنى قاچان قوشقان بولغىيدىم؟» «بۇ كىم؟»...

ئۈندىدار يېقىن دوست سانى چەكلىمىسىدىن سىرت، جاڭ شياۋلۇڭ يەنە ئۈندىداردا يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنىمۇ ئاشكارىلىغان:

 

قىسقا مەزمۇنلار

ئۆتكەن يىللارغا نەزەر سالغاندا، جاڭ شياۋلۇڭ ئىككى كىچىك سەۋەنلىكنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئېھتىياتسىزلىقتىن جامائەت سۇپىسىنى ماقالىلەرنى مەزمۇن قىلغان ۋاسىتە قىلىپ قويغان، لېكىن ھەممە ئادەمدىن كۈندە ماقالە يېزىشنى تەلەپ قىلىشقا بولمىغانلىقتىن، جامائەت سۇپىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۈندىداردا ھەممە ئادەم يېڭىلىق ياراتسا بولىدىغان ۋاسىتە كەمچىل بولۇپ قالغان.

ئۈندىدار ئىزچىل قىسقا مەزمۇن ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بولۇپ، ئوڭۇشلۇق بولسا كۆپچىلىك بىلەن يېقىندا يۈز كۆرۈشەلەيدۇ.

 

قىزىل بولاق

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈندىدار قىزىل بولىقىدا پەيدا بولىدىغان يېڭى ئويناش ئۇسۇلى، ئابۇنىتلارنى ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشىغا جەلپ قىلىشى مۇمكىن.

 

 

 

بۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەردىن سىرت، ئۈندىدار يەنە 2019-يىللىق سانلىق دوكلاتىنىمۇ ئېلان قىلغان.

 

مۇنداق قارىسىڭىز ئىنتايىن كۆڭۈلدىكىدەك، يىللىق ھېسابات ئېلان قىلىنمىغان، لېكىن تەپسىلىي قارىسىڭىز «يۈرىكىڭىز ئاغرىيدۇ».

مەسىلەن:

قەدەم سانىنى 100 دىن ئاشۇرماسلىق دېگەن ھەپتە ئاخىرىغا بولغان ھۆرمىتىمىز!

مەن نېمىشقا بۇ قولۇمنى باشقۇرالمايدىغاندىمەن!

بولدى سورىماڭلار، سورىساڭلارمۇ جاۋابى «ماڭا بەك قىيىن بولدى»

ئوغۇللار «ئاچاشلار»غا ئەڭ ئامراق، ئاچاشلار بولسا «تاماشا كۆرۈش»كە ئەڭ ئامراق.

سىز ئوينىغان كىچىك ئويۇنلار يېشىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.

دۇنيانى ساياھەت قىلىشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى- باشقىلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى كۆرۈش.

90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار بەكرەك پۇل يىغالايدۇ؟

جامائەت نومۇرى كۆرۈش ئادىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىمۇ ئىنتايىن ئېنىق!

ياشلار ھەجۋىي رەسىملەرنى كۆرۈشكە ئامراق، ئوتتۇرا ياشلىقلار ھامىلىدارلىق، پەرزەنت تەربىيەسى... دېگەندەكلەرنى!

 

ھەممە ياش باسقۇچىدىكىلەر ئورتاق كۆرىدىغان ئۈندىدار سۇپىسى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو ئۇيغۇر رادىيو تورى ئۈندىدار سۇپىسى

سىزنىڭ ئۈندىدارىڭىزدا قانچە يېقىن دوستىڭىز بار؟

بۇ يىلدا قايسى چىراي ئىپادىسىنى ياقتۇرۇپ ئىشلەتتىڭىز؟

دوستلار چەمبىرىكىدە قەيەرلەرنى ساياھەت قىلدىڭىز؟

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۈندىداردا مۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ

«ئىلگىرى بىز بىر ئادەمنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 5000 يېقىن دوستى بولسا بولىدۇ دەپ چەك قويغان، ھازىر تەخمىنەن بىر مىليون ئادەمنىڭ يېقىن دوست سانى 5000 غا يېقىنلاشتى، بۇ گەرچە ھەقىقىي مەنىدىكى يېقىن دوست ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ يېقىن دوست سانىنى كۆپەيتىشىمىزگە سەۋەب بولالايدۇ».