ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇ موماي بىلەن نەۋرىسىنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن يەنە ئوت مەيدانىغا..

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-11 17:49

2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې شەھىرىدىكى بىر چاي زاۋۇتىنىڭ ياتىقىغا ئوت كەتكەن. ئوت ئىنتايىن تېزلا ئەتراپقا قاراپ كېڭەيگەن. 80 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر موماي بىلەن ئۇنىڭ بەش ياشلىق نەۋرىسى ئوت كەتكەن بىر ئۆيگە قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، ئۆينىڭ ھەر ۋاقىت ئۆرۈلۈش خەۋپى بار ئىدى. شۇ خەتەرلىك پەيتتە، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن لىن زې بىلەن سۇ، توك ئۇستىسى لىن شېڭچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئوت كەتكەن ئۆيگە ئېتىلىپ كىرىپ، قاپسىلىپ قالغان بۇ موماي بىلەن ئۇنىڭ نەۋرىسىنى قۇتقۇزۇۋالغان.

 

بىر موماي بىلەن ئۇنىڭ بەش ياشلىق نەۋرىسى ئوتتا قاپسىلىپ قالغان، يولدىن ئۆتۈۋاتقانلار ئېتىلىپ كىرىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋالغان

نىڭدې چاي زاۋۇتى نىڭدې شەھىرى جياۋچېڭ رايونى جىنخەن يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، زاۋۇت رايونىدا نۇرغۇن قاتار تىزىلغان ياتاق ئۆيلەر بار، بۇ ياتاق ئۆيلەر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا كېسەك ۋە ياغاچتىن ياسالغان. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 لەر ئەتراپىدا، توك تەمىنلەش يولىدا بۇزۇلۇش كۆرۈلۈپ، ئوت ئۇچقۇنى ئادەم ئولتۇرمايدىغان ئۆيگە تۇتىشىپ، تەدرىجىي ئۇلغىيىپ ئەتراپقا قاراپ كېڭەيگەن.

ئوت كەتكەن ياتاقتا جەمئىي سەككىز ئايرىم ئۆي بولۇپ، پەقەت تۆت ئۆيدە ئادەم ئولتۇراتتى، ئۈچ ئۆي ئوت كەتكەن ئورۇنغا بىر قەدەر يىراق، بىر ئۆي ئوت كەتكەن ئۆينىڭ يان تەرىپىدىلا ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئۆيدە 80 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر موماي بىلەن ئۇنىڭ بەش ياشلىق نەۋرىسى بار ئىدى.

ئوتنىڭ ئۆز ئۆيىگە قاراپ ئۇلغىيىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھەمدە ئىشىكنى ئېچىپ چىقىپ كېتەلمىگەن موماي نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان.

دەل مۇشۇ خەتەرلىك پەيتتە، چاي زاۋۇتىنىڭ ياتىقىنى ئىجارىگە ئالغان ئىككى ئوتتۇرا ياشلىق ئەر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇلارنىڭ بىرى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن لىن زې بولۇپ، ئۇ كۈندۈزى ئارام ئېلىپ كېچىسى ئىشلەيتتى، يەنە بىرى سۇ، توك ئۇستىسى لىن شېڭچۈن بولۇپ، تېخى بايىلا ئىشتىن چۈشكەنىدى. ئۇ ئىككىسى ئوت كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال بېرىپ ياردەملەشكەن.

بۇ ئىككىيلەن قاپسىلىپ قالغان موماينى بايقىغاندىن كېيىن، لىن زې دەرھال ئىشىكنى تېپىپ ئېچىپ، موماينى قۇتقۇزۇۋالغان. موماي بىخەتەر بولغان، لېكىن ئۆيدە يەنە بىر كىچىك بالا قالغانىدى. بۇ ۋاقىتتا، لىن شېڭچۈن ئۆيگە كىرىپ ئىزدىگەن، لېكىن ئۈچ ئۆينىڭ ھەممىسىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ بالىنى تاپالمىغان. ئەسلىدە بالا قورقۇپ كېتىپ، يوتقان ئىچىگە كىرىۋالغان ئىكەن. لى شېڭچۈن يوتقان ئىچىدىن بالىنى ئېلىپ، قۇچاقلىغانچە ئوت ئىچىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان.

ئاخىرىدا، موماي بىلەن بالا بۇ ئىككىيلەننىڭ ياردىمىدە خەتەردىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەتراپتىكى باشقا ئاھالىلەرمۇ ئوت كەتكەن جاي ئەتراپىدىن چېكىنىپ چىققان. ئارقىدىن ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار ۋە ساقچىلار نەقمەيدانغا يېتىپ كەلگەن.

ۋەقەدىن كېيىن، موماينىڭ ئوغلى مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۆيىدە جەمئىي تۆت جان بار، مەن كۈندۈزى سىرتتا خىزمەت قىلىمەن، قىزىم باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوغلۇم يەسلىدە ئوقۇيدۇ. ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى، ئاپام بىلەن ئوغلۇم ئۆيدە چۈشلۈك تاماق يېمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، ئوغلۇم يان تەرەپتىكى ئۆيدە ئوت كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىپ، ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى تاقىۋاپتۇ. ئاپام جىددىيلىك ئىچىدە ئىشىكنى ئاچالماي، بۇ ئىككىيلەن ئۆيدە قاپسىلىپ قاپتۇ، بەختكە يارىشا باشقىلارنىڭ ياردىمىدە ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋېلىنىپتۇ».

ئاۋۋال توكنى ئۈزۈۋېتىپ، ئاندىن قۇتقۇزغان، گاز تۇڭىنى ۋاقتىدا ئېلىپ چىققان

ئىگىلىنىشىچە، ئادەم قۇتقۇزۇۋالغان لىن زې بىلەن لىن شېڭچۈننىڭ ئىككىلىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە پەرزەنتلىرى بار ئىكەن. لېكىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ئىككىيلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپلا قالماي، يەنە ئۆزلىرى ئىگىلىگەن كەسپىي بىلىملەردىن تولۇق پايدىلانغان. لى شېڭچۈن سۇ، توك ئىشلىرى بىلەن 20 يىلغا يېقىن شۇغۇللانغان، ئۇ ياتاقتا ئوت كەتكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇدۇللا ئوت مەيدانىغا كىرىپ كەتمەي، بەلكى تۇنجى بولۇپ ئوت كەتكەن ياتاقتىكى رۇبىلنىكنى تېپىپ، توكنى ئۈزۈۋەتكەن. دەل مۇشۇ ئىش، موماي بىلەن بالىنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر ھالدا خەتەردىن قۇتۇلۇشىغا شەرت ھازىرلاپ بەرگەن.

ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتىدىكى قۇتقۇزۇش خادىمى ۋېن ۋېي مۇنداق دېدى: «نەقمەيدان بىر ئاز قالايمىقان بولۇپ، توك سىمى ھاۋادا لەيلەپ قالغان، ئوتتا كۆيۈپ چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن، ئەگەر توك سىمى چۈشۈپ كېتىپ قالسا، توك سوقۇش ھادىسىسىمۇ كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر نەقمەيدانغا يېتىپ كەلگەندىمۇ، ئەڭ ئاۋۋال توكنىڭ ئۈزۈۋېتىلگەن-ئۈزۈۋېتىلمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئەگەر توك ئۈزۈۋېتىلمىگەن بولسا، بىزمۇ ئەڭ ئاۋۋال باش رۇبىلنېكنى ئۈزۈۋېتىمىز».

 

موماي بىلەن بالا بىخەتەر بولغاندىن كېيىن، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن لىن زې يەنە موماينىڭ ئۆيىگە قايتا كىرگەن. ئەسلىدە بۇ چاي زاۋۇتىدا تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى بولمىغاچقا، ھەممەيلەن گاز تۇڭىنى ئىشلىتىدىكەن. ئوت كەتكەن ياتاق بىلەن باشقا ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقى تۆت، بەش مېتىرمۇ كەلمەيدىغان بولغاچقا، بۇ گاز تۇڭلىرى ئوت ئاپىتىنى چوڭايتىۋېتىدىغان خەۋپلىك ئامىل بولۇپ قالغان.

لىن زې مۇنداق دېدى: «مەن سىرتتىكىلەرنىڭ <ئۆيدە گاز تۇڭى بار> دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ قالدىم، ئۇ ۋاقىتتا ئوت خېلى ئۇلغايغان بولۇپ، ئاشخانا ئۆي توسۇلۇپ قالغان ئىدى، گاز تۇڭىنى ئېلىپ ئەسلىي يول بويىچە قايتىپ چىقتىم. گاز تۇڭىنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئېلىپ چىقىش كېرەك، شۇ ۋاقىتتا راستىنلا ئازراق قورقتۇم. لېكىن ئوت ئىچىگە كىرىپ، گاز تۇڭىنى ئېلىپ چىقسام، ئاندىن پارتلاشنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. گاز تۇڭىنى ئېلىپ چىققاندا، ئۇلارنىڭ ئۆيى ئاساسىي جەھەتتىن كۆيۈپ بولدى».

ئارقىدىن قوشنىلارمۇ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ياردەملەشكەن، ھەمدە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى كېلىشتىن بۇرۇن، ئوت كەتكەن ئۆيگە قاتار بولغان ياتاقلاردىكى گاز تۇڭلىرىنى بىخەتەر ئورۇنغا ئېلىپ چىققان.

 

بۇ ئىككى لىن ئۇستام، بىرى رۇبىلنىكنى ئۈزۈۋەتكەن، بىرى گاز تۇڭىنى ئوت مەيدانىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئوت مەيدانىدىكى خەۋپلىك ئامىللارنى يوقاتقان.

خەتەرگە يولۇققاندا، بىز پىداكار قەھرىمانلارنى كۈتىمىز، شۇنداقلا بۇ قەھرىمانلارنىڭ باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنىمۇ قوغدىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇ موماي بىلەن نەۋرىسىنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن يەنە ئوت مەيدانىغا..

2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې شەھىرىدىكى بىر چاي زاۋۇتىنىڭ ياتىقىغا ئوت كەتكەن. ئوت ئىنتايىن تېزلا ئەتراپقا قاراپ كېڭەيگەن. 80 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر موماي بىلەن ئۇنىڭ بەش ياشلىق نەۋرىسى ئوت كەتكەن بىر ئۆيگە قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، ئۆينىڭ ھەر ۋاقىت ئۆرۈلۈش خەۋپى بار ئىدى. شۇ خەتەرلىك پەيتتە، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن لىن زې بىلەن سۇ، توك ئۇستىسى لىن شېڭچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئوت كەتكەن ئۆيگە ئېتىلىپ