ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇنداق ئالدامچىلىقلاردىن قۇتۇلۇش نېمىدېگەن قېيىن!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-13 15:59

فاڭشەندە تۇرۇشلۇق لى ھەدە راك كېسىلى ئوپېراتسىيەسى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تېخىمۇ ياخشى ئەسلىگە كېلىش ئۈچۈن، قارىغۇلارچە ساغلاملىق مەھسۇلاتى سېتىۋېلىشقا باشلاپ، بىر نەچچە يىلدا ئۇ سېتىۋالغان ساغلاملىق مەھسۇلاتى ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە توشۇپ كەتكەن. بىراق، لى ھەدىنىڭ سالامەتلىكىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولمىغان.

لى ھەدىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كۈندە 20 نەچچە خىل دورا يەيدىكەن، ئالدى بىلەن ۋاقتى ئۇزىراپ كەتكەنلىرىنى يەپ، يېڭىلىرىنى ئېلىپ قويىدىكەن.

مۇشۇنداق قارىغۇلارچە ساغلاملىق مەھسۇلاتى سېتىۋېلىش سەۋەبىدىن، لى ھەدە كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۆيىنى ساتقان پۇللارنىمۇ خەجلەپ بىر يەرگە ئاپارغان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: كېسىلىمنى داۋالىتىش ئۈچۈن شەھەردىكى ئۆيۈمنى سېتىپ، پۇلنىڭ كۆپىنچىسىگە ساغلاملىق مەھسۇلاتى سېتىۋالدىم، بىراق نېمىشقىكىن، كۆپىنچىسىنىڭ «يېشىل بۆك» (يەنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن قويۇلىدىغان بەلگە) بەلگىسى يوق ئىكەن.

بېيجىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتى، گىرىم بۇيۇملىرى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ خۇڭلى مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: 

«ئېلان قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن: يېمەكلىك، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىدە ئۈنۈمى، بىخەتەرلىكىنى بىلدۈرىدىغان ھۆكۈم ياكى كاپالەت بولماسلىقى كېرەك؛ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئىقتىدارىغا تېخىمۇ چېتىلماسلىقى كېرەك. 

لى ھەدىگە قارىغاندا، جاڭ ئەپەندىمنىڭ ئانىسى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا تېخىمۇ بېرىلىپ كېتىپ، ئۇزۇن بىر مەزگىل جاڭ ئەپەندىنىڭ ئانىسى پەقەت قىممەت پۇللۇق ساغلاملىق مەھسۇلاتىنىلا ئىستېمال قىلىپ، نورمال تاماق يېمىگەن ۋە دوختۇرغىمۇ كۆرۈنمەي، كېسىلى ئېغىرلىشىپ، دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان. 

جاڭ ئەپەندى ئانىسى سېتىۋالغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ھېسابلاپ، تالونى بار ساغلاملىق مەھسۇلاتىدىن 113 قۇتىنى، تالونى يوقتىن 73 قۇتىنى بايقىغان. تالون ئۈستىدىكى باھاغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا، جاڭ ئەپەندىنىڭ ئانىسى مىليون يۈەنلىك مەھسۇلات سېتىۋالغان. گەرچە جاڭ ئەپەندىنىڭ ئانىسى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ ياخشى مەھسۇلات سېتىۋالغانلىقىنى، شۇ ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۆزىنى ئالدىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالغان. 

بېيجىڭ شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ياشانغانلار قانۇن مۇلازىمىتى تەتقىقات جەمئىيىتىدىن چېن خۇڭجۇڭ مۇنداق دەيدۇ: 

يالغان تەشۋىقات بولسا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى، شۇنداقلا ئىشتىن كېيىن ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ ئاچقۇچى. ياشانغانلارساغلاملىق بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغاندا تەشۋىقات ئېلانى ۋە ئالاقىدار تالونلارنى ساقلاپ، كېيىنكى ھوقۇقىنى قوغداشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.  مەھسۇلات ئورالمىسىنىڭ ئۈنۈم بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، مەيلى قارشى تەرەپ نېمە دېسۇن، ھەرگىز ئىشەنمەڭ.

مۇخبىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بازاردا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئالدامچىلىقىنىڭ ئاساسلىقى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى بايقىغان. يەنى بىرىنچىدىن ساختا، ناچار ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى ئالداش. ئىككىنچىسى، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى دورا قىلىپ كۆرسىتىپ ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى كېسەل داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە قىلىپ كۆرسىتىپ يالغان تەشۋىق قىلىش.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇنداق ئالدامچىلىقلاردىن قۇتۇلۇش نېمىدېگەن قېيىن!

فاڭشەندە تۇرۇشلۇق لى ھەدە راك كېسىلى ئوپېراتسىيەسى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تېخىمۇ ياخشى ئەسلىگە كېلىش ئۈچۈن، قارىغۇلارچە ساغلاملىق مەھسۇلاتى سېتىۋېلىشقا باشلاپ، بىر نەچچە يىلدا ئۇ سېتىۋالغان ساغلاملىق مەھسۇلاتى ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە توشۇپ كەتكەن. بىراق، لى ھەدىنىڭ سالامەتلىكىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولمىغان.