ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۈگۈنى توي قىلىپ، ئەتىسى تۈرمىگە كىرگەن يىگىت!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-13 16:05

 

توي قىلىش ئەلۋەتتە كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ خۇشال بولىدىغان مىنۇتلار!

ئەمما سىچۈەن لېشەندىكى زۇ فامىلىلىككە نىسبەتەن ئېيتقاندا، توي ئۇنىڭغا ئانچە كۆڭۈللۈك ئەسلىمە ئېلىپ كەلمىگەن. چۈنكى ئۇ ئىككىنچى كۈنىلا تۈرمىگە كىرگەن!

لېشەن ۋۇتۇڭچياۋ ساقچى تەرەپنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، ۋۇتۇڭچياۋ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى شىبا ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى گۇەنيىڭ بازىرىدا ئاپتوموبىللارنى قانۇنغا خىلاپ قالايمىقان توختىتىشنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يوللاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئاپتوموبىللارنى جازالىغان.

شۇ كۈنى سائەت 16دىن 38مىنۇت ئۆتكەندە، بىر تورداش دوستلار چەمبىرىكىدە ساقچىلارنى ھاقارەتلەيدىغان سۆزلەرنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، كەڭ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئارقىدىن خەلق ساقچىلىرى دەرھال تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەزكۇر تورداشنىڭ زۇ فامىلىلىك (ئەر، 26 ياش، شىلىن بازىرىدىن) ئىكەنلىكىنى تېزدىن ئېنىقلاپ چىققان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، ساقچى تەرەپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان زۇ فامىلىلىكنى گۈەنيىڭ ساقچىخانىسىغا بېرىشنى ئۇقتۇرغان. 

زو فامىلىلىكنىڭ تاپشۇرۇقىغا ئاساسلانغاندا، 1-ئاينىڭ 1-كۈنى توي قىلماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئاپتوموبىل ھەيدەپ گۇەنيىڭ بازىرىغا ئىش بېجىرگىلى بېرىپ، ئاپتوموبىلنى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا توختاتماي كوچا بويىغا توختىتىپ قويغان. كېيىن ئۇنىڭ ئاپتوموبىلغا جەرىمانە تالونى چاپلانغان. شۇ چاغدا ئۇ ئاچچىقىدا بۇنى رەسىمگە تارتىپ دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ تىللاپ كەتكەن. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ بۇ دوستلار چەمبىرىكى ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 

زۇ   فامىلىلىك   ئۆزىنىڭ   توردا   ساقچىلارنى   ھاقارەتلىگەن   پاكىتلىرىنى   ئەينەن   ئىقرار   قىلغان.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش قانۇنى»نىڭ 26-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن زۇ فامىلىلىك قانۇن بويىچە 5 كۈن توختىتىپ قويۇلغان. ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ 1-ئاينىڭ 1-كۈنى توي قىلىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ، تەستىق ئالغاندىن كېيىن، مەمۇرىي جازانى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىجرا قىلىشقا رۇخسەت قىلغان. 

ساقچى تەرەپ: يامان نىيەتتە جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرىغا ئائىت پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرىنى ھاقارەتلەش قىلمىشىغا قارىتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى! ساغلام تور مۇھىتى ۋە ياخشى جەمئىيەت تەرتىپىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۈگۈنى توي قىلىپ، ئەتىسى تۈرمىگە كىرگەن يىگىت!

سىچۈەن لېشەندىكى زۇ فامىلىلىككە نىسبەتەن ئېيتقاندا، توي ئۇنىڭغا ئانچە كۆڭۈللۈك ئەسلىمە ئېلىپ كەلمىگەن. چۈنكى ئۇ ئىككىنچى كۈنىلا تۈرمىگە كىرگەن!