ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇرتقا قايتىشىڭىزغا قاتناش ساقچىلىرى ھەمراھ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-13 16:07

 

ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىڭىزدە بۇ ۋىدىيونى كۆرگەنمىدىڭىز؟!

 

 

 

مەيلى قەيەردە بولايلى، مەيلى قانچىلىك يىراق جايدا بولايلى، يۇرتقا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى! ئۇ ‐‐ بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ يۇرتقا بولغان مۇھەببىتىمىز ۋە نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئەنئەنىمىزنىڭ نامايەندىسى.

ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى 2020-يىللىق چاغانلىق توشۇش يول قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، تەشۋىقات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن، «يۇرتقا قايتىش يولىدا ئامان بولۇڭ» تېمىسىدا يېڭىچە پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى. 1-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 11لاردا، ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتىنىڭ كۈتۈش زالىدا «يۇرتقا پات-پات قايتىپ تۇرايلى» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتىپ، يېڭىچە ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىنى چاغانلىق سەپەردە بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈندىدى ۋە يولۇچىلارنىڭ چاغانلىق سەپىرىگە ئاق يول تىلىدى.

 

1-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتىنىڭ كۈتۈش زالىدا، بىر قىز تۇيۇقسىزلا تەمبۇر بىلەن «يۇرتقا پات-پات قايتىپ تۇرايلى» ناملىق ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى چېلىشقا باشلىدى.

مۇزىكا چېلىنىشى بىلەنلا داڭلىق ئايال ناخشىچى جېڭ يۈفەن بۇ ناخشىنى ئورۇنلىدى.

ئارقىدىنلا كىشىلەر ئارىسىدىن بىر مۇنچە قاتناش ساقچىلىرى چىقىپ ناخشىغا جور بولدى. زالدىكى كىشىلەر بەس-بەستە ئولىشىپ كۆردى ۋە سۈرەتكە، سىنغا ئالدى.

ناخشا يېرىمىغا كەلگەندە، كىشىلەر ئارىسىدىن بىر ياش يىگىت چىقىپ، بۇ ناخشىنىڭ رەپ نۇسخىسىنى ئېيتىپ، سورۇننىڭ كەيپىنى ئەۋجىگە چىقاردى. ئارقىدىن قاتناش ساقچىلىرى «سىزگە ئامانلىق يار بولسۇن» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى ھەمدە يولۇچىلارغا سوۋغا بەردى.

ساقچىلار يولۇچىلارغا چاغانلىق مەسنەۋى، ھۆسىنخەتلەرنى سوۋغا قىلدى، سەپىرىگە ئاق يول تىلىدى. 

يولۇچىلار بۇنىڭدىن تولىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدى، پۈتۈن زال قويۇق چاغان تۈسىگە كىردى. 

ئاخىرىدا ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى كەڭ ئاممىغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يۇرتتىن ئايرىلىدىغان يول كۈرمىڭ، لېكىن يۇرتقا قايتىدىغان يول پەقەت بىرلا! مەدەنىي سەپەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆيىمىزگە تىنچ-ئامان قايتىپ كېلەيلى!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۇرتقا قايتىشىڭىزغا قاتناش ساقچىلىرى ھەمراھ!

مەيلى قەيەردە بولايلى، مەيلى قانچىلىك يىراق جايدا بولايلى، يۇرتقا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى! ئۇ ‐‐ بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ يۇرتقا بولغان مۇھەببىتىمىز ۋە نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئەنئەنىمىزنىڭ نامايەندىسى.