ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇقۇم مەزگىلىدە پەيدا بولغان سوئاللارنىڭ جاۋابى....

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 16:46

 

يۇقۇم مەزگىلىدە، ئىدارە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ماسكا بىلەن تەمىنلىشى كېرەكمۇ؟ ئىدارىغا بېرىپ ئىشلىگەندە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا، ئىشتا يارىلانغان ھېسابلىنامدۇ؟  ئىدارىنىڭ ئەھۋالى ناچار بولسا مائاشنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشكە بولامدۇ؟  نۇرغۇن ياشلارنىڭ بۇنداق سوئال سورايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئىشچىلار گېزىتى مۇخبىرى ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم تېمىلارنى چۆرىدەپ، جۇڭيىن ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن ئادۋوكات ياڭ باۋئەن ، كو يىڭجيې قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلدى.

بىرىنچى،ئىدارە چوقۇم خىزمەتچىلەرنى ماسكا بىلەن تەمىنلىشى كېرەكمۇ؟ ئەگەر تەمىنلىمىسە خىزمەتچىلەر ئىشلەشنى رەت قىلسا بولامدۇ؟

جاۋاب: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى نىڭ 412-ماددىسىدا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلىرىغا دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئەمگەك مۇھاپىزەت بۇيۇمى بېرىشى ھەمدە ئىشلىتىش قائىدىسى بويىچە تۇتۇش، ئىشلىتىش توغرىسىدا نازارەتچىلىك قىلىشى، تەربىيە بېرىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن.  لېكىن ئادەتتىكى كارخانىلارغا نىسبەتەن، ماسكا شۇ ئورۇنغا زۆرۈر بولغان ئەمگەك مۇھاپىزىتى بۇيۇمى ئەمەس.  بەزى جايلاردا ئىشخانىدا ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.  مەسىلەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ماسكا ئىشلىتىش قوللانمىسىدىن كۆپچىلىك پايدىلانسا بولىدۇ، يەنى، شامال ياخشى ئۆتۈشىدىغان ئىشخانىدا ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدۇ،  نورمال خىزمەت قىلغاندا ماسكا بولمىسا، ئېغىز-بۇرۇننى توسايدىغان نەرسىلەرنى تاقىۋېلىپ پات-پات يۇيۇپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك، دېگەندەك.  شۇڭا خادىملار ئىدارىنىڭ ماسكا بىلەن تەمىنلىمەسلىكىنى باھانە قىلىپ، ئىشقا بېرىشنى رەت قىلسا بولمايدۇ.  ئەمما ئالاھىدە مەزگىلدە خىزمەتچىلەرنى ماسكا بىلەن تەمىنلىسە كارخانىلارنىڭ خىزمەتچىلەرگە بولغان غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلغىلى بولىدۇ، شۇڭا شارائىتى بار كارخانىلارنىڭ خىزمەتچىلەرگە ماسكا تەييارلاپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئىككىنچى، ئىشقا چىقىپ چۈشۈش جەريانىدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قالسا ئىشتا يارىلانغان ھېسابلىنامدۇ؟

جاۋاب: دۆلەت سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سەۋەبىدىن «يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان تېببىي خادىملار ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئالاقىدار كاپالەت مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» دا ئېنىق قىلىپ مۇنداق يېزىلغان:« يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە، تېببىي خادىملار ۋە ئالاقىدار خادىملاردىن خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلار ياكى يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى ئىشتا يارىلاندى دەپ بېكىتىش، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن قىلىش كېرەك.  ئۇنداقتا داۋالاش خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز كەسىپتىكىلەر بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولالامدۇ؟ ئىشتا يارىلىنىش خىزمەت ۋاقتى، خىزمەت ئورنى، خىزمەت سەۋەبىگە ئاساسەن ھەر تەرەپلىمە بېكىتىلىدۇ. چۈنكى يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملىنىش ئورۇنلىرى بىر قەدەر كۆپ، سىرتقا چىقىپ كۆكتات سېتىۋالغاندىمۇ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا يۇقۇملىنىشنىڭ چوقۇم ئىدارىدە يۈز بېرىدىغانلىقىنى بېكىتىش ناھايىتى تەس، كۆپچىلىككە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى تەۋسىيە قىلىمىز. پىرىنسىپ جەھەتتىن، ئىشتا يارىلىنىشنى ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى خىزمەت ۋاقتى، خىزمەت سورۇنىدىكى خىزمەت سەۋەبىدىن ئۇچرىغان زەخىم ئىشتا يارىلىنىشقا تەۋە بولۇشى كېرەك. ئىشقا چىقىش-ئىشتىن چۈشۈش جەريانىدا ئۇچرىغان زىيان-زەخمەتنىڭ ئىشتا يارىلىنىش-يارىلانماسلىقىغا قارىتا، پىرىنسىپ جەھەتتىن پەقەت« ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى» 15-ماددىسىنىڭ 6-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىشقا چىقىش-چۈشۈش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى بولمىغان قاتناش ھادىسىسى ياكى شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى، يولۇچىلار كېمىسى، پويىز ھادىسىسىدە يارىلانغانلار ئىشتا يارىلانغان ھېسابلىنىدۇ. ئىشقا بېرىش، ئىشتىن چۈشۈش جەريانىدا يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا قارىتا سېلىشتۇرما خۇلاسە چىقىرىشقا بولمايدۇ، يەنى ئىشقا بېرىش، ئىشتىن چۈشۈش جەريانىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشقا تەۋە ئەمەس.

ئۈچىنچى: يۇقۇم مەزگىلىدە، ئەگەر ئىدارە-ئورگانلار خادىملارنى ئۆيىدە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، مائاشنى مۇۋاپىق تۆۋەنلەتسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ئالدى بىلەن «ئۆيدە خىزمەت قىلىشمۇ ئىش بېجىرىش، بۇ جەرياندا ئەمگەكچىلەرمۇ ئەمگەك قىلدى» دېگەن ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك.  پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، كارخانا خىزمەتچىلەرنى ئۆيىدە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا، خادىملارنىڭ مائاشىنى نورمال بېرىشى كېرەك، ئەگەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مۇقىم مائاشى بولسا، مەسىلەن ئايلىق مائاشى 10 مىڭ يۈەن بولسا، ئۆيدە خىزمەت قىلغاندا مائاشنى تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ.  لېكىن، بەزى ئورۇنلارنىڭ ئىش ھەققى تەركىبىدە ئۈنۈم مائاشى بار، ئۆيدە ئىش بېجىرسە ئۈنۈم تۆۋەنلەيدۇ، بىر قىسىم سىرتتا قىلىدىغان خىزمەتلەرنى تاماملىغىلى بولمايدۇ، ئورۇنلارنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى باھالاش بويىچە نەتىجە-ئۈنۈم مائاشىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشى مۇۋاپىق، قانۇنلۇق بولۇشى كېرەك.  يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە، كارخانا بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، خىزمەتچىلەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشى، خىزمەتچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېڭىشىپ بىردەك ئىش ھەققىنى چۈشۈرۈشى، قانۇن جەھەتتىن يول قويۇشى كېرەك.  لېكىن بۇ خىل كېڭىشىشتە خىزمەتچىلەر ئىمزا قويۇپ ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشنى كوللېكتىپ تۆۋەنلىتىشنى مەجبۇرىي ئۇقتۇرۇش قىلىش قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس.

يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى «يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىدە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن بولسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن كېڭىشىپ بىردەك ئىش ھەققىنى تەڭشەش، ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ دەم ئېلىش، ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خادىملارنى ئىمكانقەدەر قىسقارتماسلىق ياكى ئاز قىسقارتىشقا بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. 

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلار بەلگىلىمە بويىچە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.  كارخانا بىر مائاش بېرىش مۇددىتى ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقان بولسا، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى ئەمگەك توختامىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە بېرىشى كېرەك.  مائاش بېرىش مەزگىلىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر نورمال ئەمگەك قىلغان بولسا، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بەرگەن مائاش شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.  ئىشچى-خىزمەتچىلەر نورمال ئەمگەك قىلمىغان بولسا، كارخانا تۇرمۇش پۇلى بېرىشى، تۇرمۇش پۇلى ئۆلچىمى جايلار بەلگىلىگەن چارە بويىچە ئىجرا قىلىنىشى كېرەك.

تۆتىنچى، خادىملار يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولۇش سەۋەبىدىن قايتا ئىشلەشكە ئامالسىز قالسا ياكى ئورۇن بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ئىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلسا، ئىدارە قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؟ 

 جاۋاب: «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» قا ئاساسەن، كارخانىلار يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىدە قىيىنچىلىقى بولسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن كېڭىشىپ بىردەك ئىش ھەققىنى تەڭشەش، ئىش ئورنىدا نۆۋەت بىلەن دەم ئېلىش، ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، خادىملارنى ئىمكانقەدەر قىسقارتماسلىققا ياكى ئاز قىسقارتىشقا بولىدۇ.  ئەگەر ئىشچى-خىزمەتچىلەر يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىقتىن قايتا ئىشلەشكە ئامالسىز قالسا ياكى ئورۇن بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ئىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلسا، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن بىردەك كېڭىشىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تۆۋەندىكى دەم ئېلىش كۈنلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلسا، يېتەكلىسە ياكى تەكلىپ بەرسە بولىدۇ:

قانۇندا بەلگىلەنگەن پاراۋانلىق يىللىق دەم ئېلىش، تەڭشەپ دەم ئېلىشتا،  ئالدى بىلەن خىزمەتچىلەرنى قانۇندا بەلگىلەنگەن يىللىق دەم ئېلىش، ئورۇننىڭ پاراۋانلىق يىللىق دەم ئېلىشى، خىزمەتچىلەرنىڭ نۆۋەتلىشىپ ئالىدىغان دەم ئېلىشىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.  قانۇندا بەلگىلەنگەن يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلى ۋە نۆۋەتلىشىپ دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئورۇنلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مائاشىنى نورمال بېرىشى، پاراۋانلىق يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مائاشىنى شۇ ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈمى بويىچە بېرىشى كېرەك.  ئىشچى-خىزمەتچىلەر دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنمىسا، ئىدارە تېلېفون، ئۈندىدار، قىسقا ئۇچۇر، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئورنىنىڭ دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېنىق ئۇقتۇرۇشى، بولۇپمۇ ئالاقىدار ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى، ئۈندىدار ئالاقە خاتىرىسى، تېز يەتكۈزۈش تەپسىلىي ئەھۋالى تالونى ۋە سۈرۈشتۈرۈش ئۇچۇر قەغىزى قاتارلىق يۇقىرىقى ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.  ئايرىم ئورۇنلار، خىزمەتچىلەرنىڭ چاغاندىن كېيىن 2020-يىللىق يىللىق دەم ئېلىشىنى ئالدىن ئېلىپ بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىزمەتچىلەر بىلەن 2021-يىللىق يىللىق دەم ئېلىشنى ئالدىن كېڭىشىپ سىناپ بېقىش تەكلىپىنى بەردى، بۇ مەشغۇلاتتا بەلگىلىك قانۇن خەتىرى ۋە نەزەرىيە تالاش تارتىشى مەۋجۇت بولغاچقا، بۇ مەشغۇلاتنى ئىجرا قىلغاندا چوقۇم ئېنىق مەخسۇس كېلىشىم ئىمزالاپ، بۇ مەشغۇلاتنىڭ ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەن نەتىجىسىنى بېكىتىش تەكلىپىنى بەردى.  لېكىن يەنىلا بىلىشكە تېگىشلىكى شۇكى «كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى يولغا قويۇش چارىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ يىلى ئىشچى-خىزمەتچىلەر دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئەگەر ئىشچى-خىزمەتچىلەر يېرىم يولدا خىزمەتتىن ئايرىلسا، سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندىن كېيىن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپ يىللىق دەم ئېلىش كۈن سانى قايتۇرۇلمايدۇ.

ئىش رۇخسىتى: ئورۇنلار خىزمەتچىلەرنى ئىش رۇخسىتى ئېلىشقا يېتەكلىسە بولىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتە ئىش رۇخسىتى مەزگىلىدە ئورۇنلار خىزمەتچىلەرگە مائاش تارقاتمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئورۇنلار ئىش رۇخسىتى مەزگىلىدە ئىش ھەققى توغرىسىدا ئايرىم پۈتۈشسە بولىدۇ، مەسىلەن، قىسمەن پاراۋانلىق ئورۇنلىرى بەلگىلىك كۈن سانى بويىچە مائاش ئېلىپ رۇخسەت قىلىشنى بەلگىلىگەن بولسا، شۇ ئورۇننىڭ پۈتۈشكىنى ياكى قائىدە-تۈزۈمى بويىچە مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 

كېسەل رۇخسىتى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى يېقىندا« يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى، گۇمانىي ئاغرىقلار، يېقىن ئۇچراشقۇچىلارغا قارىتا ئايرىپ داۋالاش مەزگىلى ياكى تېببىي كۆزىتىش مەزگىلىدە، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت ئايرىش تەدبىرى قوللانغانلىقتىن ياكى باشقا جىددىي تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقتىن نورمال ئەمگەك بىلەن تەمىنلىگىلى بولمايدىغان كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ مەزگىلدىكى خىزمەت ھەققىنى بېرىشى كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى.  لېكىن خادىملارنىڭ باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سالامەتلىكى ياخشى بولماي قالسا، ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلەرنى كېسەل رۇخسىتى ئېلىشقا يېتەكلەپ، رۇخسەت سوراش خېتى تاپشۇرۇشى ھەمدە ھەر قايسى جايلارنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە كېسەل رۇخسىتى مائاشى بېرىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئىش كۈتۈپ تۇرۇش: كارخانا ئىش توختىتىش، ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىشتەك ئېغىر دەرىجىگە يەتمىگەن بولسا، ئىش كۈتۈپ تۇرۇش مەشغۇلاتىدا زور قانۇنىي خەۋپ-خەتەر بارلىقىنى ئۆز ئالدىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك، خىزمەتچىلەر كېسىم ئارقىلىق مائاش پەرق سوممىسىنى تولۇقلاپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىشى ياكى ئورۇن پۈتۈشكىنى بويىچە ئەمگەك شارائىتى يارىتىپ بەرمىگەن، پۈتۈشكىنى بويىچە ئەمگەك ھەققىنى تولۇق تۆلىمىگەن دېگەننى باھانە قىلىپ، ۋەزىپىسىدىن مەجبۇرىي ئىستېپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، شۇنىڭ بىلەن ئورۇندىن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشقا تولۇقلىما پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، شۇڭا كارخانا بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، خىزمەتچىلەرنى ئىش كۈتۈپ تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى، كارخانا بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش كۈتۈپ تۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىشى ھەمدە ئىش كۈتۈپ تۇرۇش مەزگىلىدىكى مائاش ئۆلچىمىنى پۈتۈشۈشى كېرەك.  

ئاۋۋال دەم ئېلىش، ئىشتىن كېيىن ئىسمېنا تولۇقلاش:  خىزمەتچىلەر بىلەن كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كېلىپ، خىزمەتچىلەرنى ئاۋۋال دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن خىزمەتچىلەردىن ئىسمېنا تولۇقلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

ئائىلىدە خىزمەت قىلىش: كارخانا خىزمەتچىلەر بىلەن كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كېلىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆيدە ئىش بېجىرىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆيدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدىكى مائاشىغا قارىتا، ئەگەر ئورۇن بىلەن خىزمەتچىلەر ئالاھىدە پۈتۈشمىگەن بولسا، پىرىنسىپ جەھەتتىن ئادەم ئىشلەتكۈچى  ئورۇن خىزمەتچىلەرگە نورمال ئىشقا چىقىش مائاشى بويىچە بېرىشى كېرەك.

يۇقىرىقى دەم ئېلىش مەزگىلىدە پەقەت يىللىق دەم ئېلىش ۋە نۆۋەتلىشىپ دەم ئېلىشقا توغرا كەلگەن بىر قىسىم ئورۇنلار دەم ئېلىشنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. ئىش رۇخسىتى، كېسەل رۇخسىتى، ئىش كۈتۈپ تۇرۇش، ئىش ئورنىنى تولۇقلاش قاتارلىق تەدبىرلەرگە قارىتا، ئورۇنلارنىڭ تەتبىقلاش ئالدىنقى شەرتى خىزمەتچىلەر بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك، بولمىسا، خىزمەتچىلەر ئورۇننىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلار خىزمەتچىلەرنىڭ« ئەمگەك توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە ئەمگەك شارائىتى بىلەن تەمىنلىمىدى» دېگەن قاراشقا ئاساسەن بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەن خىزمەتچىلەرگە قارىتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خىزمەتچىلەر بىلەن كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەن ئالاقىدار ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلاپ قېلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، مەسىلەن ئۈندىدار، تېلېفون، پوچتا يوللانمىسى ئالاقە خاتىرىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى قاتارلىقلار.  دەلىل-ئىسپات تولۇق بولماسلىق سەۋەبىدىن ماجىرا يۈز بەرگەندە، ئورۇننىڭ پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۇقۇم مەزگىلىدە پەيدا بولغان سوئاللارنىڭ جاۋابى....

يۇقۇم مەزگىلىدە، ئىدارە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ماسكا بىلەن تەمىنلىشى كېرەكمۇ؟