ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدا (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ئىككى يۇقۇملانغۇچى كۆپەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-14 15:27

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 2-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 0~24 كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن ئىككىسى كۆپەيگەن، بۇلار ئۈرۈمچىدە ئىكەن. يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئۈچەيلەن ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستىدا بىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بىرى، بىڭتۈەن 7-شىسىدا بىرى بار ئىكەن.

2-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 24 كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىماردىن جەمئىي 65نى دوكلات قىلدى، (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 46، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 19)، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار ئىچىدە، ئۈرۈمچىدە 23، ئىلى ئوبلاستىدا 14، تۇرپاندا 1، ئاقسۇ ۋىلايىتى 1، سانجى ئوبلاستىدا 4، بايىنغولىن ئوبلاستىدا 3، بىڭتۈەن 7-شىسىدا 1، بىڭتۈەن 8-شى شىخەنزە شەھىرىدە ئىككى، بىڭتۈەن 9-شىسىدا تۆت، بىڭتۈەن 6-شى ۋۇجياچۈ شەھىرىدە 1،   بىڭتۈەن 12-شىسىدا 1، بىڭتۈەن 4-شىسىدا 10ى بار ئىكەن. جەمئىي دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ چىققانلار 6، قازا قىلغانلار 1. ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار ئىچىدە ئۈرۈمچىدە 2، تۇرپاندا 1، ئىلى ئوبلاستىدا 1، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 1، بىڭتۈەن 7-شىسىدا 1ى بار ئىكەن.

ھازىر 58 بىمار دوختۇرخانىدا ئايرىپ داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 10 بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر، 4 بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر ھەم خەتەرلىك ئىكەن.

نۆۋەتتە يېقىندىن ئۇچراشقان 4622 ئادەم تېببىي كۆزىتىلمەكتە.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدا (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ئىككى يۇقۇملانغۇچى كۆپەيدى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 2-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 0~24 كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن ئىككىسى كۆپەيگەن،