ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىر ئائىلىدىكى يەتتەيلەننىڭ يۇقۇملىنىش سەۋەبى ئاشكارىلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-14 15:34

2-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پاڭ شىڭخو بىر ئائىلىدىكى يەتتەيلەننىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان تۇغقىنى بىلەن تاماق يەپ، ھەممىسىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى توغرىسىدىكى مىسالنى ئۇقتۇردى.

 

 

 

پاڭ شىڭخو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەلۇم بىر ئائىلە كىشىلىرى چاغاندا تۇغقانلىرى بىلەن غىزالىنىپ سەككىز كۈندىن كېيىن، ئارىدىكى بىرەيلەندىن كەلگەن تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى توغرىسىدىكى تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغان، تۇغقىنى تېلېفوندا يۇقۇملاندۇرغۇچى ۋۇخەنگە بېرىپتىكەن، سىلەرمۇ ئېھتىيات قىلىڭلار دەپ تاپىلىغان بولسىمۇ، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمىغان. ئۇلار خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك، نورمال ئىشقا چىققان، تاللا بازىرىنى ئايلانغان، بانكىغا بارغان، تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بارغان، ئارىدىكى بىرەيلەندە يۇقۇم ئالامەتلىرى كۆرۈلسىمۇ، يەنىلا چىداپ دوختۇرخانىغا بارمىغان ھەمدە ئادەتتىكىدەك سىرتقا چىقىپ كۆكتات سېتىۋالغان. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ بالىسى ئاغرىغاندا ئاندىن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئەنسىرەشكە باشلىغان، كەينىدىن چوڭ-كىچىك ھەممەيلەندە يۇقۇم ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ دوختۇرخانىغا بارغان، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خادىملىرى تەكشۈرگەندە، ئۇ ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىلگىرى بىمارلار بىلەن تاماق يېگەنلىكىنى ئېيتقان، نەتىجىدە ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكتىن بىر ئائىلىدىكى يەتتەيلەننىڭ ھەممىسى يۇقۇملانغان.

پاڭ شىڭخو شەھەر ئاھالىلىرىگە مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ: ئەگەر سىز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلار بىلەن ئۇچرىشىپ باققان ياكى خۇبېي قاتارلىق يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر رايونلاردىن قايتىپ كەلگەن كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ باققان، بولۇپمۇ بۇ جايلاردىن قايتىپ كەلگەنلەردە ئىلگىرى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئائىلىدە ئۆزىڭىزنى ئايرىۋېتىڭ، ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە ئەتراپتىكىلەر بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىشنى ئازايتىڭ، سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ، قىزىغان ھامان تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىرىنچى بولۇپ دوختۇرخانىغا كۆرىنىڭ ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوختۇرغا گۇمانلىق ئۇچرىشىش ئەھۋالىڭىزنى چۈشەندۈرۈڭ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بىر ئائىلىدىكى يەتتەيلەننىڭ يۇقۇملىنىش سەۋەبى ئاشكارىلاندى

پاڭ شىڭخو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەلۇم بىر ئائىلە كىشىلىرى چاغاندا تۇغقانلىرى بىلەن غىزالىنىپ سەككىز كۈندىن كېيىن، ئارىدىكى بىرەيلەندىن كەلگەن تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى توغرىسىدىكى تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغان،