ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭ نەنشەن، لى لەنجۈەنلەر يېڭى بايقاشنى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-14 15:40

مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 13-كۈنى پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن، لى لەنجۈەننىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى يېقىندا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ گەندە ئەۋرىشكىسىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى ئايرىپ چىققان، بۇ بايقاش ئادەم تېنىدىن چىقىرىپ تاشلانغان گەندىدە ھەقىقەتەن تىرىك ۋىرۇس بارلىقىنى ئىسپاتلىدى، بۇ كېسەل داۋالاش، تارقىلىش مېخانىزمىنى توغرا تونۇش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىش، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

دۆلەتلىك سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنداق دېدى: قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، قۇرۇق يۆتەل يەنىلا ئەڭ ئاساسلىق كىلىنىكىلىق ئىپادە بولۇپ، گەندىدىن ۋىرۇسنى ئايرىپ چىقىش بۇ كېسەللىكنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، يەنىلا نەپەس يولى ۋە ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىشنى ئاساس قىلىدۇ، ھەزىم قىلىش يولى ئارقىلىق تارقىلىشنىڭ بارلىق تارقىلىشتىكى رولى ۋە ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ گەندە-ئېغىز ئارقىلىق تارقىلىدىغان-تارقالمايدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا زىيادە جىددىيلەشمەسلىك، ئالاقزەدە بولماسلىق كېرەك، قولنى چوقۇم پات-پات يۇيۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، يېمەكلىكلەرنى پىشۇرغاندىن كېيىن يېيىش، شەخسىي ۋە ئائىلە تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئەۋرەز يولىنىڭ راۋانلىقى ۋە زۆرۈر بولغان دېزىنفېكسىيەلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك.  

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭ نەنشەن، لى لەنجۈەنلەر يېڭى بايقاشنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 13-كۈنى پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن، لى لەنجۈەننىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى يېقىندا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ گەندە ئەۋرىشكىسىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى ئايرىپ چىققان،