ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۈندىداردا سېتىلىۋاتقان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش مەھسۇلاتى ئىشەنچلىكمۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 15:14

 

يېقىندا بەزىلەر ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىق  ئىجتىمائىي ئالاقە تور ئالاقە سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاتالمىش 15 مىنۇتتا تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقىدىغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورا قۇتىسىنى ساتقان. بۇ تەجرىبە دورا قۇتىسىنىڭ ئىلمىيلىك، ئۆلچەملىك ۋە  ئۈنۈملۈك دەرىجىسىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.
مۇخبىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورا قۇتىسى ساتىدىغان بىر ئۈندىدار سودىگىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن. ئۇ مۇخبىرغا تەجرىبە دورا قۇتىسىنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدىكى رەسىم ۋە ۋىدىيو ماتېرىياللىرىنى كۆرسەتكەن. ۋىدېيودا بارماق ئۇچىدىن  قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش، قان ئەۋرىشكىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن تەكشۈرۈش كارتىسىغا تېمىتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەجرىبە دورا قۇتىسى ئارقىلىق ئۆز ئۆيىدە تۇرۇپمۇ تەخمىنەن 15 مىنۇتتىلا توغرا نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بۇ خىل مەھسۇلاتنى بازارغا سېلىشتا چوقۇم داۋالاش ئۈسكۈنىسى رويخەتنامىسى بولۇشى كېرەك. لېكىن بۇ تور سودىگىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رويخەتنامىسى يوق ئىكەن. سودىگەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، يۇقۇم ئەھۋالى ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەنلىك سەۋەبلىك رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەنىكەن، لېكىن تەجرىبە دورا قۇتىسى تەتقىق قىلىپ ياسالغاندىن كېيىن ئوخشاشلا رويخەتكە ئالدۇرۇلىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە دوختۇرخانىلارمۇ مەزكۇر مەھسۇلاتنى بىۋاسىتە ئىشلىتىۋاتقانىكەن. ئۇ يەنە مۇخبىرغا بۇ خىل تەجرىبە دورا قېپىنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش دوكلاتى گۇۋاھنامىسى بارلىقىغا كاپالەت بەرگەن، لېكىن مۇخبىرغا كۆرسەتمىگەن.
بۇ تور سودىگىرىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ خىل تەجرىبە دورا قېپىنىڭ ھەر بىرىنىڭ باھاسى 65 يۈەن بولۇپ، بىر قېتىمدا 100 تالدىن تۆۋەن سېتىلمايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مەھسۇلاتقا تالون كېسىلمەيدىكەن. ئاخىرىدا ئۇ كېلەر ھەپتە رويخەتكە ئېلىش گۇۋاھنامىسى چىققاندىن كېيىن مەھسۇلات باھاسىنىڭ تېزلا ئۆرلەپ كېتىدىغانلىقىنى مۇخبىرغا ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئېنىقلىنىشىچە، يەنە باشقا بىر قىسىم تور سودىگەرلىرىدىمۇ ئوخشاش تۈردىكى تەجرىبە دورا قۇتىلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ  مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ خىل تەجرىبە دورا قۇتىسى يوشۇرۇن مەزگىلدىكى ۋىرۇسنىمۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىيالايدىكەن.
مۇخبىر يەنە بەزى تور ئېلېكتىرونلۇق سودا سوپىلىرىدىمۇ بۇ خىل تەجرىبە دورا قۇتىلىرىنىڭ سېتىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. مۇخبىر توردا «تەجرىبە دورا قۇتىسى» دېگەن ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ھەرخىل تەجرىبە قۇتىلىرىنىڭ سېتىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. ئاساسلىق نىمكەش مال ساتىدىغان تور سۇپىلىرىدا مۇخبىر يەنە بىر قىسىم سودىگەرلەرنىڭ مۈجمەل مەھسۇلات ناملىرى ھەتتا خاتا خەتلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق سۇپىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى بايقىغان.


مۇخبىر توردا سېتىلىۋاتقان تەجرىبە دورا قۇتىلىرىنىڭ  جۇڭشەن داشۆسى دائەن گېن چەكلىك شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى گۇاڭجۇ شەھىرى دارۈي بىيو-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىغا  دىققەت قىلغان. مۇخبىر بۇ ئەھۋال توغرىسىدا جۇڭشەن داشۆسى دائەن گېن پاي چەكلىك شىركىتىنى زىيارەت قىلغان. شىركەتنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە تور سۇپىلىرىدا سېتىلىۋاتقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورا قۇتىلىرى مەزكۇر شىركەتنىڭ نامىدىن پايدىلىنىۋالغانىكەن. شىركەت ئىشلەپچىقارغان ھەقىقىي يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورا قۇتىسىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى رويخەتنامىسى بار بولۇپ، دۆلەتلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىلىرى تىزىملىكىدە ئېلان قىلىنغانىكەن. مەزكۇر تەجرىبە دورا قۇتىسى سەپلىمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ياردىمىدە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، پەقەت ئىشلىتىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۈچىنچى تەرەپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ  ئىشلىتىشىگە يول قويۇلىدىكەن، شەخسنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىشىگە بولمايدىكەن.
دائەن گېن شىركىتى مۇخبىرغا شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئالاقىدار ئىجازەتنامىلىرىنى كۆرسەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر شىركەتنىڭ نامىدىن قانۇنسىز پايدىلىنىپ ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ۋە تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى سېتىش قىلمىشى ئۈچۈن، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھامىلىدارلىقنى تەكشۈرۈش قاتارلىق بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەن تېخنىكىلاردا ئىشلىتىلىدىغىنى كوللوئىدلىق تەكشۈرۈش تېخنىكىسى بولۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش ساھەسىدە كوللوئىدلىق تەكشۈرۈش تېخنىكىسى پەقەت توغرىلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشنىڭ تولۇقلىمىسى سۈپىتىدە قوللىنىلىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆيدە كوللوئىدلىق  سىناق دورا قۇتىسى ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، توغرىلىق نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلالمايدىكەن. نەتىجىگە قارىغۇلارچە ئىشەنگۈچىلەر ھەتتا كېسەل كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدىكەن. ئەگەر دۆلەتنىڭ  تەستىقىدىن ئۆتمىگەن، مۇنتىزىم بولمىغان يوللار ئارقىلىق ئېرىشكەن تەجرىبە دورا قۇتىلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىشلەتكەندە، قان ئېلىش مەشغۇلاتلىرىدا ئېغىر بولغان سەھىيە ساغلاملىق خەتىرى مەۋجۇت بولىدىكەن. ئىشلىتىلىپ بولغان تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىغاندا، يەنە تېخى ئاممىۋىي ساغلاملىق خەۋپ-خەتىرى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە رويخەتكە ئېلىنغان «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس (2019-nCoV) ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورا قۇتىسى» داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى رويخەتنامىسىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى توغرىسىدىكى ئېنىقلىمىدا «پەقەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىشلىتىشى بىلەن چەكلىنىدۇ» دەپ ئەسكەرتىلگەن. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورا قۇتىسى ئۈچىنچى تۈردىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش بويىچە باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، تىجارەت كارخانىلىرى «داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تىجارەت ئىجازەتنامىسى»نى ئېلىشى ھەمدە «ئۈچىنچى تۈردىكى 6840 بەدەن سىرتىدا دىياگنوز قويۇش رېئاكتىپى»نىڭ تىجارەت دائىرىسى ۋە «توپ تارقىتىش» ياكى «توپ ۋە پارچە سېتىش» تىجارەت ئۇسۇلىنى ھازىرلىشى كېرەك ئىكەن.
گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردىكى دورا نازارەت قىلىش تارماقلىرى بازاردا بىر قىسىم قانۇنسىز سودىگەرلەرنىڭ ئاتالمىش «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورا قۇتىسى»نى سېتىش ئەھۋالىغا قارىتا، دېلو يىپ ئۇچىنى يىغىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈش داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە چېتىلىدىغان قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    ئۈندىداردا سېتىلىۋاتقان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش مەھسۇلاتى ئىشەنچلىكمۇ؟

    يېقىندا بەزىلەر ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور ئالاقە سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاتالمىش 15 مىنۇتتا تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقىدىغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورا قۇتىسىنى ساتقان. بۇ تەجرىبە دورا قۇتىسىنىڭ ئىلمىيلىك، ئۆلچەملىك ۋە ئۈنۈملۈك دەرىجىسىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.