ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدىكى مۇنداق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلىنىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 17:54

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2020-يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ تۈركۈم بويىچە ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇش باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھەر قايسى مەكتەپلەر كونكىرېت ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى ئۆز مەكتىپىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەييارلىق ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىدۇ، ھەمدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىن ئۇقتۇرىدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «جايلاردىكى مەكتەپلەر تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، بىر مەكتەپتە بىر لايىھە بولۇشنى ئورۇنداپ، مەكتەپ رايونىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالغا قاراپ تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرسە بولىدۇ».

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    شىنجاڭدىكى مۇنداق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلىنىدۇ

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2020-يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ تۈركۈم بويىچە ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇش باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.