ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ترامپ: ھەر يىلى 36000ئادەم قازا قىلىدۇ! ھازىر ئىشنى توختىتامدۇق؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 17:55

 

3-ئاينىڭ 24-كۈنى، ترامپ فوكس تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىجتىمائىي تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تېزراق بىكار قىلىپ، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى.

ترامپ ئۆزىنىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىپ، ئامېرىكىنى قايتىدىن نورمال تۇرمۇشقا قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ كوللېكتىپى ھازىر پاسخا بايرىمىدىن بۇرۇن (4-ئاينىڭ 12-كۈنى) جەمئىيەتنى قايتىدىن ئېچىۋېتىشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن «ئىنتايىن تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ».

 

 

 

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ: «دۆلىتىمىزدە ئىلگىرى تارقىلىشچان زۇكام بار ئىدى، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 36000 ئادەم قازا قىلاتتى. بەزىلەر ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، زۇڭتۇڭ، بۇ قېتىم چوقۇم ئىشنى توختىتىشىمىز كېرەك دەيدۇ، مەن سەن زادى نېمە دەۋاتىسەن؟ دۆلىتىمىزدە 160 مىليون ئادەم خىزمەت قىلىۋاتسا ماڭا ئىشنى توختات دەۋاتامسەن؟ ئۇ چاغدا كىشىلەر سودا قىلالمايدۇ، ئىشسىز قالىدۇ، ھەتتا ۋەيران بولىدۇ، سەن بۇ گەپنى ئەستايىدىللىق بىلەن دەۋاتامسەن؟ دېدىم.»

ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئەمەلدارلار جەمئىيەتنى باشقۇرۇپ كونتىرول قىلىش تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرۇشقا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈردى

ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئىشتاتلارنىڭ باشلىقلىرى، ھەتتا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان قىسمەن پارلامېنت ئەزالىرى جەمئىيەتنى باشقۇرۇپ كونتىرول قىلىش تەدبىرلىرىنى زىيادە بالدۇر بوشاشتۇرۇشقا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈردى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ شۇ كۈنى، ئامېرىكا بۇ قېتىملىق يۇقۇمنىڭ پۈتۈن دۇنيادا تارقىلىشىدىكى كېيىنكى «مەركەز» بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ مەسئۇلى مىل مۇنداق دېدى: «مودىلدا كۆرسىتىلىشىچە ئامېرىكا 5-ئاينىڭ ئاخىرى، 6-ئاي ئەتراپىدا يۇقۇم كىرىزىسىدىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ، بەلكىم ئەڭ كېچىككەندىمۇ 7-ئايغىچە بولۇشى مۇمكىن». مورگان سىتانلىنىڭ ئانالىزچىسى 24-چېسلادىكى بىر پارچە دوكلاتىدا مۇنداق دەپ يازدى: «ئەگەر ئاقساراي ئىجتىمائىي تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى زىيادە تېز بوشاشتۇرۇۋەتسە، ئامېرىكىدىكى يۇقۇمنىڭ يۇقىرى پەللە سانىنى ئاشۇرۇۋېتىشى ياكى يۇقۇمنىڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن».

 

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    ترامپ: ھەر يىلى 36000ئادەم قازا قىلىدۇ! ھازىر ئىشنى توختىتامدۇق؟

    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ: «دۆلىتىمىزدە ئىلگىرى تارقىلىشچان زۇكام بار ئىدى، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 36000 ئادەم قازا قىلاتتى.