ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىنتىزارمىز! شىنجاڭدا بۇ قۇرۇلۇشلار تېزلەشتۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 17:56

 

ھاۋا ئىللىغاندىن كېيىن تيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېزلەشتۈرۈلدى.

تاشيول

G7 بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شىنجاڭدىكى بۆلىكى G30 پارچىساقالدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يول بۆلىكىنى كېڭەيتىش ۋە ئۈرۈمچى-لوپنور يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەردە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېزلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭدا شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىدىغان ۋە جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە «ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى» چېلىندى.

G30 پارچىساقالدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يول بۆلىكىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى توختام بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانى

 

3-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، G30 پارچىساقالدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يول بۆلىكىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى توختام بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانى ئالاھىدە ئالدىراشلىق بىلەن تولدى، قېزىش ماشىنىسى، توپا توشۇش ماشىنىسى، يول چىڭداش ماشىنىسى قاتارلىق ھەر خىل ئەسلىھەلەر تەڭلا يولغا چىقىپ، يول ئۇلى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلدى.

تۈرنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى گۈەن چېڭجياڭ مۇنداق دېدى: «20-چېسلا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، تۈر باشقۇرغۇچى، تېخنىك خادىملارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەلدى، 500دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ئىشچىسىمۇ كەلدى، قالغان قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىمۇ ئارقا-ئاقىدىن قايتىپ كېلىۋاتىدۇ. كېيىنكى باسقۇچتا بىز مەبلەغ، ماتېرىيال، خادىم ۋە ئەسلىھەلەرنى ئاشۇرۇپ، بۇ تۈردە 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز».

پارچىساقالدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلەك تۇرپان-ئۈرۈمچى-داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولىنىڭ بىر بۆلىكى بولۇپ، كېڭەيتىلگەندىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك سۈرئەت ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىدىغان تاشيولنىڭ قاتناش ئىقتىدارى ئاشىدۇ.

3-ئاينىڭ 20-كۈنى، بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (G7) تۈرى قۇرۇلۇش مەيدانى

 

G7 بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋۇتۇڭ داچۈەن-ئارا تۈرۈك-باركۆل-مورى بۆلىكىدە 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى شىنجاڭ بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن لياڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر مىڭغا يېقىن ئادەمنى تەشكىللەپ قۇرۇلۇش مەيدانىغا ئېلىپ كەلدۇق، ھەر قايسى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ئالدىن پىلانلاپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىپ، قۇرۇلۇش پىلانىنى قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ».

بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بېيجىڭ، خېبىي، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردىن ئۆتىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى «شىنجاڭغا كىرىدىغان» ئىككىنچى چوڭ يول ھېسابلىنىدۇ.

3-ئاينىڭ 20-كۈنى، بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (G7) تۈرى قۇرۇلۇش مەيدانى

 

ۋۇتۇڭ داچۈەندىن مورىغىچە بولغان يول بۆلىكى ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تارماق تۈرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 515 كىلومېتىر كېلىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئۆلچەملىك قۇرۇلۇش پىلانى قوللىنىلغان، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن لىنىيەدىكى ئاساسىي لىنىيەدە قاتناش باشلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ شىمالىدىكى ئاساسىي يولدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلەشتۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

3-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى-لوپنور يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى تيانشان غالىبىيەت تونىلى چىقىش ئېغىزى قۇرۇلۇش مەيدانىدا، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

 

G0711 لىنىيەسى- ئۈرۈمچى-لوپنور يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىمۇ ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى نەقمەيداندا جىددىي قۇرۇلۇش قىلدى، جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ يول قۇرۇلۇشىدا «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى» بېسىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ترانسىپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىق دەرىجىلىك كادىرى جېڭ مىڭچۈەن مۇنداق دېدى: «بۇ بىرقانچە تۈر <شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش-چىقىشنى تېزلىتىش> يىرىك پىلانىدىكى ئاساسىي رامكا تۈرى بولۇپ، بۇ تۈرلەرنىڭ پۈتۈشى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا كىرىش-چىقىش، جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئالاقىسىنىڭ راۋانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولۇش، لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە».

 

تۆمۈريول

3-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قۇرۇلۇشچىلار ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ سولسۇ تونېلىغا كىرىپ يول قېنى قۇرۇلۇشى قىلدى، بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرى بولغان ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى سورسۇ تونىلىغا كىرىپ قۇرۇلۇش باشلىدى.

ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىدىغان شىمالىي يولىنىڭ مۇھىم ھالقىسى، شۇنداقلا شىنجاڭ تۆمۈريول تورى يىرىك پىلانىدىكى «ئۇزۇنىسىغا تۆت، توغرىسىغا تۆت» ئاساسىي رامكىسىدىكى «ئۇزۇنىسىغا تۆت»نىڭ بىرى. بۇ لىنىيە غەربتە شىمالىي ئالتاي لىنىيەسىنىڭ ئالتاي ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا ئۈرۈمچى-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ شەرقىي جۇڭغار ۋوگزالىغا تۇتىشىپ، كۈيتۈن-بېيتۈن تۆمۈريولى، لەنجۇ-شىنجاڭ لىنىيەسى، ئۈرۈمچى-جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى بىلەن بىرلىكتە شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنى ھاسىل قىلىپ، ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدىكى قولاي يول بولۇپ قالىدۇ.

ئالتاي ۋىلايىتىغا جايلاشقان سورسۇ تونىلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 4333 مېتىر بولۇپ، ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدىكى ئەڭ ئۇزۇن تونېل ھېسابلىنىدۇ، تۈرنىڭ كونتىرول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى ۋە نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بولۇپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى پۈتتۈرۈلگەن. جۇڭگو تۆمۈريول 10-ئىدارىسى ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى S2 بۆلىكى تۈر تىجارەت بۆلۈمى 1-تارماق بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى مېڭ فەنلياڭ مۇنداق دېدى: «تۇرۇشلۇق جايدىكى سۇ، توك، پار ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، قۇرۇلۇش مۇددىتى بويىچە، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز. ھازىر ئومۇميۈزلۈك يول قېنى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، ھەر كۈنى 75 مېتىر ئىلگىرىلەشنى پىلانلىدۇق، مۆلچەرىمىزچە 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تاماملاپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى تونېل ئىچىگە رېلىس ياتقۇزۇشقا ئاساس سالىمىز».

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى سورسۇ تونىلىغا كىرىپ قۇرۇلۇش باشلىدى.

 

ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدا 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 427 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆكتوقايدىن شەرقىي جۇڭغارغىچە بولغان بۆلىكىدە 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى قاتناش باشلانغان. ئالتايدىن كۆكتوقايغىچە بولغان بۆلەكتە بۇ يىل 8-ئايدا قاتناش باشلىنىشى مۆلچەرلەنگەن، ئۇ ۋاقىتتا ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدۇ.

 

سۇچىلىق قۇرۇلۇشى

3-ئاينىڭ 20-كۈنى 1 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى-چەرچەن ناھىيەسىنىڭ چەرچەن دەرياسى داشىمېن سۇ ئامبىرىدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئىشچىلار قېزىش قاتارلىق ھەر تۈرلۈك مەشغۇلاتلىرىنى باشلىدى.

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئىشچىلار چەرچەن ناھىيەسىنىڭ چەرچەن دەرياسى داشىمېن سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇش مەيدانىدا مەشغۇلات قىلماقتا.

 

نۆۋەتتە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى نومۇرلۇق قاتناش تونېلى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، توك چىقىرىش، سۇ باشلاش سۈڭگۈچى، سىرتقى تۆشۈكلۈك كەلكۈن ئاققۇزۇش سۈڭگۈچى، ئاستىنقى تۆشۈكلۈك كەلكۈن ئاققۇزۇش، قۇم ئاققۇزۇش سۈڭگۈچى پۈتتۈرۈلدى. بىرلەشمە سۇ كىرىش ئېغىزىدىكى توپا قۇرۇلۇشى تاماملاندى. ھادىسە قاپقىقى ۋە قوش يۆنىلىشلىك قاپقىقى قۇراشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، سول قىرغاقتىكى ئېگىز يانتۇلۇقلار بىر تەرەپ قىلىپ بولۇندى.

قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مەسئۇلى شىڭ جۈنشې مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر توسما يۈزىدىكى تاشقان كەلكۈننى قويۇۋېتىش سۈڭگۈچىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قىلىۋاتىمىز، ئۇ داشىمېن سۇ ئىنشائات تۈگۈنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمى، توسما ئىشلىتىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن كەلكۈنگە دۇچار بولغاندا توسمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ».

داشىمېن سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىدا 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىي 1 مىليارد 760 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %89.8 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا توسمىنى چۈشۈرۈپ سۇ ساقلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

مەزكۇر تۈر تاماملانغاندىن كېيىن چەرچەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى تاغلىق رايونلاردىن كەلگەن كەلكۈننى تەڭشەپ تىزگىنلەشكە، تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى قوغداش ئوبيېكىتلىرىنى كەلكۈندىن ساقلىنىش ئۆلچىمىنى ئۈچ يىلدا بىرگە ئۇچراشتىن يىگىرمە يىلدا بىرگە ئۇچراشقا ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. كونتىرول قىلىنىدىغان سۇغىرىش رايونى 341 مىڭ 400 مو بولۇپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىننىڭ كەلكۈندىن ساقلىنىش ئۆلچىمى ۋە ئېتىزلارنى سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەتراپتىكى ئېلېكتىر تورىنى توك بىلەن تەمىنلەپ، چەرچەن ناھىيەسى ۋە بىڭتۇەن 2-شىسى 37-تۇەنى، 38-تۇەنىنىڭ سانائەت، يېزا-ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى توك ئېھتىياجىنى قامدايدۇ، شۇ يەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    ئىنتىزارمىز! شىنجاڭدا بۇ قۇرۇلۇشلار تېزلەشتۈرۈلدى

    ھاۋا ئىللىغاندىن كېيىن تيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېزلەشتۈرۈلدى.