ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خۇانەن سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرى يۇقۇمىنىڭ مەنبەسى ئەمەس

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 18:29

 

 

 

جۇڭگو تەتقىقاتچىلىرى خۇانەن سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ مەنبەسى ئەمەسلىكىنى بايقىدى.

 

 

 

جۇڭگو ئاكادېمىيەسى شىشۇاڭبەننا تىروپىك بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرى باغچىسىنىڭ ئورگان تورىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۇ باغچە جەنۇبىي جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى ۋە بېيجىڭ مېڭە كېسەللىكلىرى مەركىزى بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارا ھەمبەھىرلىنىدىغان GISAID EpiFluTM سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن تۆت قىتئەدىكى 12 دۆلەتنىڭ (2-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بولغان) 93 يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئەۋرىشكىسىنىڭ گېن گۇرۇپپىسى سانلىق مەلۇماتىنى توپلاپ، تولۇق گېن گۇرۇپپىسى تەھلىلى ئارقىلىق، خۇانەن سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ باشقا جايدىن كىرگەنلىكىنى بايقىدى. 

شىشۇاڭبەننا تىروپىك بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرى باغچىسىنىڭ ئورگان تور بېكىتىنىڭ كەسمە سۈرىتى

 

بۇ 93 ئەۋرىشكە 58 خىل يەككە ھەسسىلىك تەنچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۆزگىرىش مۇناسىۋىتىدىن مەلۇمكى، يەككە ھەسسىلىك تەنچە  H13، H38 لار بىرقەدەر «قەدىمىي» تەنچىلەر ھېسابلىنىدۇ، بىر ۋاسىتىچى (mv1، بۇ ئەجداد تەنچىدىن كەلگەن بولۇشىمۇ، ۋاسىتىچىدىن ياكى ”0-نومۇرلۇق بىمار“دىن كەلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن) ئارقىلىق شەپەرەڭ تېنىدىكى تاجسىمان ۋىرۇس RaTG13 بىلەن بىرلىشىپ، يەككە ھەسسىلىك تەنچە H3 ئارقىلىق يەككە ھەسسىلىك تەنچە H1 نى ھاسىل قىلغان. 

تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەيدۇ: خۇانەن سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرى بىلەن ئالاقىسى بار بىمارلارنىڭ ئەۋرىشكىسىدىكى يەككە ھەسسىلىك تەنچىلەرنىڭ ھەممىسى H1 ياكى ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان H2,H8-H12 ، خۇبېيدىن ئېلىنغان بىر ئەۋرىشكىدىكى يەككە ھەسسىلىك تەنچە H3 نىڭ خۇانەن سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرى بىلەن ئالاقىسى يوق. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خۇانەن سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس باشقا جايدىن كىرىپ، بۇ بازاردا تېز سۈرئەتتە تارقالغان. بىمارلارنىڭ گىرىپتار بولۇش ۋاقتى ۋە كېسەلنىڭ تارقىلىش ۋاقتىغا ئاساسەن پەرەز قىلساقمۇ، خۇانەن سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ ۋىرۇس مەنبەسى ئەمەسلىكىنى دەلىللىگىلى بولىدۇ. 

تەتقىقاتچىلار H13 ۋە H38 نىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى ئىزدەش ئارقىلىق بايقىدىكى، شېنجېنلىق بىمار (گۇاڭدۇڭدىكى تۇنجى بىمار)  بىلەن ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى بىمار (ئامېرىكىدىكى تۇنجى بىمار)نىڭ سەپەر خاتىرىسىدىن قارىغاندا، 2019-يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 2020-يىل 1-ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋۇخەندە يۇقۇملانغان. ھازىرقى ۋۇخەندىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەردىن يەككە ھەسسىلىك تەنچە H13 ۋە H38 بايقالمىدى. 

تەتقىقاتلاردىن مەلۇمكى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس 2-ئاينىڭ 12-كۈنىگە قەدەر، ئىككى قېتىم كۆرۈنەرلىك كېڭەيگەن: بىرى، 2019-يىل 12-ئاينىڭ 8-كۈنى يۈز بەرگەن، بۇ نەتىجىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋىرۇس 12-ئاينىڭ باشلىرىدا، ھەتتا 11-ئاينىڭ ئوتتۇرا-ئاخىرلىرىدىن باشلاپلا ئادەمدىن ئادەمگە تارقىلىشقا باشلىغان، كېيىن خۇانەن سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا تېز سۈرئەتتە تارقالغان؛ يەنە بىرى، 1-ئاينىڭ 6-كۈنى يۈز بەرگەن. 

تەتقىقاتچىلار بۇ 58 يەككە ھەسسىلىك تەنچىنىڭ مەنبەسىنى ئىنچىكە ئايرىش ئارقىلىق 5 گۇرۇپپا (يەنى 3 قەدىمىي ئالاھىدە تارقاتقۇچى يەككە ھەسسىلىك تەنچە گۇرۇپپىسى H1,H3، H13 ۋە 2 يېڭى ئالاھىدە تارقاتقۇچى يەككە ھەسسىلىك تەنچە گۇرۇپپىسى H56 ،mv2)غا بۆلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، گۇاڭدۇڭدىن ئېلىنغان ۋىرۇس ئەۋرىشكىسىنىڭ ئۈچ مەنبەسى، چۇڭچىڭ ۋە تەيۋەندىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىنىڭ ئىككى مەنبەسى بولۇشى مۇمكىن. كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان ئاۋسترالىيە، فىرانسىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا ئەۋرىشكىلىرىدىكى ۋىرۇسنىڭ كەم دېگەندە ئىككى مەنبەسى بولۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىنىڭ بەش مەنبەسى بولۇشى مۇمكىن. ئالاھىدە تەكىتلەش لازىمكى، ئالاھىدە تارقاتقۇچى يەككە ھەسسىلىك تەنچىسى H56 بىرلا ۋاقىتتا ئاۋسترالىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا ۋە جۇڭگو تەيۋەنلىك بىمارنى ۋىرۇس مەنبەسى قىلغان. 

تەتقىقاتلاردىن مەلۇمكى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ گېن گۇرۇپپىسىدا قايتا تەشكىللىنىش يۈز بەرمىگەن. 

 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خۇانەن سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرى يۇقۇمىنىڭ مەنبەسى ئەمەس

جۇڭگو تەتقىقاتچىلىرى خۇانەن سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ مەنبەسى ئەمەسلىكىنى بايقىدى.